Chinese→UyghurMain Dictionary
博登
Domain: دۇنيا يەر - جاي ناملىرى博登〈澳〉
bó dēng
بوردېن
Domain: دۇنيا تارىخىبوردېن
(1854 - 1937). كانادانىڭ زۇڭلىسى (1911 - 1920)، كونسېرۋاتىپلار پارتىيىسىنىڭ داھىيسى. ئادۋوكاتلىق قىلغان، ئاۋام پالاتاسىنىڭ ئەزاسى بولغان. ئەنگلىيە بىلەن بولغان بىرلەشمىنى كۈچەيتىشى تەشەببۇس قىلغان. بىرىنچى دۇنيا ئۇرۇشىدا يىراققا يۈرۈش قىلغۇچى قوشۇن ئەۋەتىپ، ئەنگلىيە بىلەن ماسلىشىپ ئۇرۇش قىلغان. 1919-يىلى كاناداغا ۋەكالىتەن پارىژ سۈلھ يىغىنىغا قاتناشقان. كېيىن كانادانىڭ خەلقئارا ئىتتىپاقتا تۇرۇشلۇق ۋەكىلى، كاندا خەلقئارا مۇناسىۋەت ئىلمىي جەمئىيىتىنىڭ رەئىسى بولغان، <كانادانىڭ ئاساسىي قانۇنلۇق سىياسىيسى ئۈستىدە تەتقىقات>، <كانادانىڭ ئەنگلىيە ئىتتىپاقىدىكى ئورنى> دېگەن ئەسەرلىرى بار.
About this entry
This is a Chinese–Uyghur dictionary entry.
Sourced from Main Dictionary in Lughet's collection.