UyghurMain Dictionary
بېنتام
دۇنيا تارىخى
(1748 - 1832) ئەنگلىيىلىك پەيلاسوپ، قانۇنشۇناس، سىياسىي ئوبزورچى. مەنبەئەتپەرەرسلىك نەزەرىيىسىنىڭ ياراتقۇچىسى. ئوكسفورد ئۇنىۋېرسىتېتىدا قانۇنشۇناسلىق ئوقۇپ، ئادۋوكاتلىق ئۇنۋانىنى ئالغان.ئاساسلىقى ئەخلاقشۇناسلىق ۋە سىياسىي قانۇن تۈزۈمى ئىسلاھاتىنى تەتقىق قىلغان. ئۇ ئىجتىمائىي ھەرىكەتنىڭ تۈپ پرىنسىپى <ئەڭ زور كۆپچىلىك كىشىلەرنىڭ ئەڭ چوڭ بەختى> نى قولغا كەلتۈرۈش بولۇشى كېرەك دەپ قارىغان. لېكىن ئۇ يەنە <شەخس مەنپەئەتنىڭ يىغىندىسىدىن باشقا نەرسە ئەمەس> دەپ قارىغان. ئۇ مەنپئەتچىلىكنىڭ ئۆزى ئەخلاق ئۆلچىمىدۇر؛ بۇرژئاغا پايدىلىق بولغان ھەرىكەتلەر پۈتكۈل جەمئىيەتكىمۇ پايدىلىقتۇر، دەپ قارىغان. ئىقتىسادشۇناسلىق تەلىماتى جەھەتتە مەيلىگە قويۇۋېتىشچىلىقنى تەشەببۇس قىلغان. پەلسەپە جەھەتتە ئۇ ئادەتتىكى ئۇقۇملارنىڭ ھەممىسى ساختا دەپ قارىغان. بۇ خىل قاراش كېيىنگە بېرىپسىماسىئولوگىيە ئېقىمىدىكىلەرنىڭ نەزەرىيىۋى مەنبەلىرىنىڭ بىرى بولۇپ قالغان. بېنتامنىڭ <ئەخلاق ۋە قانۇن تۇرغۇزۇش پرىنسىپلىرى>، <جازالاش ۋە مۇكاپاتلاش پرىنسىپلىرى>، <دېئونتولوگىيە ياكى ئەخلاق بىلىمى> قاتارلىق ئەسەرلىرى بار.