UyghurMain Dictionary
بىنەۋا
چاغاتاي دەۋرى ئۇيغۇر سۆزلۈكلىرى
پارىسچە
پېقىر، يوقسۇل، كەمبەغەل:
1. غەرىبۇ بىنەۋا، ئاجىز قولۇڭغا رەھىم قىل، يا رەب،
ئۈمىد تۇتتۇم دۇئالاردىن مەنۇ بىپارەئى زارى.
موللا مۇھەممەد نىيازى.
2. تاپىپ بەھر بىزدىنكى شاھۇ، گەدا،
نەۋا تاپقۇسىدۇركى ھەر بىنەۋا.
غەرىبى.
كلاسسىك ئەدەبىيات سۆزلۈكلىرى
پارىسچە
پەقىر، مەھرۇم، يوقسۇل، بىچارە؛ ئۈلۈشسىز، بەھرىسىز: بىنەۋالىغ - بىچارىلىك، كەمبەغەللىك.