UyghurMain Dictionary
بىمەنە
مەنىداش سۆزلۈكلەر
ئەھمىيىتى يوق، قۇرۇق، تۇتۇرۇقسىز.
مەنىسىز گەپ كىشىنىڭ كەيپىنى ئۇچۇرىدۇ. بىمەنە ماختاش ماختىغۇچىنىمۇ، ماختالغۇچىنىمۇ يەرگە قارىتىدۇ.
قارشى مەنىلىك سۆزلەر
مەنىسى يوق، ئەھمىيەتسىز.
مەنىلىك
مەنىسى بار، ئەھمىيەتلىك.
ئەھمىيەتلىك ئىش مەنىلىك بولار. مەنىسىز سۆزنىڭمۇ مەنىلىك ئېيتىلىدىغان ۋاقتى بار. ئەمگەكسىز تۇرمۇش مەنىسىز. بىمەنە نۇقتىئىنەزەر خەتەرلىك، ئاپەت تۇغدۇرىدۇ. بىمەنە سۆھبەتنىڭ تەمى بولمايدۇ.
ئۇيغۇر تىلى ئۇنۋېرسال سۆزلۈكلەر
سۈپەت
مەنىسىز.
بىمەنە سۆز. بىمەنە ئىبارە.
كۆچمە. قۇرۇق سەپسەتىدىن ئىبارەت بولغان، تېتىقسىز، بولمىغۇر، ئورۇنسىز.
بىمەنە گەپ.
ئەقىلغە سىغمايدىغان، ئەمەلىيەتكە ئۇيغۇن ئەمەس؛ ئاساسسىز.
ئادەملەر ئۇ يەر، بۇ يەردىن ئاڭلىغان بىمەنە خەۋەرلەرنى كۆتۈرۈپ يۈرەتتى.
ئىنسانغا مۇناسىپ بولمىغان، ئەخلاقسىز، ئەرزىمەس، بولمىغۇر، يارىماس.
بىمەنە قىلىق. بىمەنە ئىش.
لەززىتى يوق، لەززەتسىز.
ئۇنىڭ كۆز ئالدىدا كېچە - كۈندۈز بىر خىل تۇرىدىغان، زېرىكەرلىك، بىمەنە تۇرمۇش مەنزىرىسى ئېچىلدى.