Uyghur←ChineseMain Dictionary
بىمبىسارا
دۇنيا تارىخى
频毗娑罗
pín pí suō luó
قەدىمكى ھىندىستان ماگادھا پادىشاھلىقىنىڭ شاھى (تەخمىنەن مىلادىدىن ئىلگىرى 544 - 493). ماگادھا دۆلىتى بارھادراتا سۇلالىسىنىڭ ئاخىرقى شاھى ئۆلتۈرۈلگەندىن كېيىن، 15 يېشىدا تەختكە ئولتۇرغان. بۇددا دىنىغا ئېتىقاد قىلغان، پايتەخت راجاگدىھا شەھىرى ئەينى زاماندا بۇددا دىنىنى قوغداش ۋە تارقىتىش مەركىزى بولغان. كوسالا، گاندھارا، ئابەنتى ۋە مادالو قاتارلىق دۆلەتلەر بىلەن دوستانە مۇناسىۋەتنى ساقلىغان، شۇنىڭ بىلەن بىر ۋاقىتتا شەرقىي قوشنىسى ئانگا دۆلىتىنى قورال كۈچى ئىشلىتىپ يۇتۇۋالغان. ئۇ ھۆكۈمرانلىق قىلغان مەزگىلدە ماگادھا دۆلىتى كۈنسايىن كۈچەيگەن. ئېيتىشلارغا قارىغاندا، ئۇنىڭ تەۋەلىكىدە 80 مىڭ يېزا - بازار بار ئىكەن. ھەرقايسى يېزىدا يېزا باشلىقىنىڭ رەھبەرلىكىدىكى يېزا كېڭىشى، مەركەزدە <80 مىڭ يېزا باشلىقى> دىن تەركىب تاپقان چوڭ كېڭەش بولغانىكەن. پۈتۈن مەملىكەتتە قاتتىق كونتروللۇقنى يولغا قويۇپ، مەركىزىي ئاپپاراتلاردا مەمۇرىي، ئەدلىيە، ھەربىي تارماقلارنى تەسىس قىلغانىكەن. كېيىن ئوغلى ئاجاتا ساترۇ تەرىپىدىن ئۆلتۈرۈلگەن.
تارىخ
瓶沙王
píng shā wáng