Uyghur←ChineseMain Dictionary
بېلىقسىمان سەمەندەر
بىئولوگىيە
鱼螈
yúyuán
<بېلىقسىمان يىلان>، <يىلانسىمان سەمەندەر> دەپمۇ ئاتىلىدۇ. ئۇ قوش ماكانلىقلار سىنپىنىڭ پۇتسىزلار ئەترىتى، سازاڭسىمان سەمەندەر ئائىلىسىگە كىرىدۇ. ئۇنىڭ بەدەن شەكلى يىلانغا ئوخشاش، ئۇزۇنلۇقى تەخمىنەن 30 - 40 سانتىمېتىر، بەدىنى تۇتۇق قوڭۇر رەڭ ياكى تۇتۇق يېشىل رەڭ، ئىككى يېنىد ئۇزۇنىغا كەتكەن سېرىق رەڭلىك تاسمىسىمان دېغى بار. تېرىسى ئىچىدە ئۇششاق تەڭگىچىلىرى بولىدۇ، بەدەن سىرتى پارقىراق، بەزلىرى كۆپ، تاتلىق سۇ بويىدىكى تۇپراقلاردا ئورەك كولاپ ياشايدۇ، ئورىكىنىڭ چوڭقۇرلۇقى 20 - 30 سانتىمېتىرغا يېتىدۇ. چىشىسىنىڭ سالىدىغان تۇخۇم ناھايىتى ئاز (10 - 20 دانە) بولۇپ، ئۆزى ياشاۋاتقان ئورەكتە تۇغىدۇ؛ ئادەتتە تۇخۇمىنى بەدىنى بىەلن ئوراپ تېرىسىدىكى شىلىمشىق سۇيۇقلۇقلار بىلەن مۇھاپىزەت قىلىپ تۇخۇمىنىڭ قۇرۇپ قېلىشىدىن ساقلايدۇ. لىچىنكىسى تۇخۇمدىن چىققاندىن كېيىن سۇغا كىرىپ يېتىلىدۇ. بېلىقسىمان سەمەندەر سازاڭسىمان سەمەندەرلەر ئائىلىسىدىكى ۋەكىل خاراكتېرلىك ھايۋان بولۇپ، ھىندىستان، سىرىلانكا مالاي يېرىم ئارىلى قاتارلىق تروپىك بەلباغ رايونلىرىغا تارقالغان. ھازىر مەملىكىتىمىزدىكى شىشىۋاڭبەننادىمۇ بېلىقسىمان سەمەندەر بارلىقى بايقالدى.