Uyghur←ChineseMain Dictionary
بېلىنسكىي
دۇنيا تارىخى
别林斯基
bié lín sī jī
(1811 - 1848) روسىيە ئىنقىلابىي دېموكراتى، ئەدەبىي تەنقىدچىسى، ماتېرىيالىستىك پەيلاسوپ. ھەربىي دوختۇر ئائىلىسىدە تۇغۇلغان. 1829-يىلى موسكۋا ئۇنىۋېرسىتېتى ئەدەبىيات فاكۇلتېتىغا ئوقۇشقا كىرگەن. يانچىلىق تۈزۈمىگە قارشى دراما <دىمىتىرى كالىنىن> نى يازغانلىقى ئۈچۈن، 1832-يىلى مەكتەپتىن قوغلاپ چىقىرىلغان.1833-يىلىدىن باشلاپ <دۇربۇن>، <مۇلاھىزە> قاتارلىق ژۇرناللارغا ماقالە يېزىپ تۇرغان. 4183-يىلى <ئەدەبىيات فانتازىيىسى> ناملىق ئىلمىي ماقالىسىنى ئېلان قىلىپ، ئەدەبىيات ساھەسىدىكىلەرنى غۇلغۇلىغا سالغان. 1838 - 1846 - يىللىرى ئىلگىرى - كېيىن بولۇپ <موسكۋا كۆزەتكۈچىسى>، <ۋەتەن خاتىرىلىرى>، <دەۋر كىشىلىرى>قاتارلىق ژۇرناللارىدا روسىيە ۋە غەربىي ياۋروپا ئەكسىيەتچىل ئىديىلىرىگە قارشى كۈرەش داۋامىدا مەرىپەتچىلىكتىن ئىنقىلابىي دېموكراتىزمغا، گېگېل ئىدېئالىزمىدىن ماتېرىيالىزمغا بۇرالغان. ئېستېتىاك جەھەتتە سەنئەت - رېئاللىقنىڭ گۋدىلىنىشى، ھەققىي سەنئەت تۇرمۇشتىكى توغرا نىشاننى كىشىلەرگە كۆرسىتىپ بېرىش كېرەك. دەپ ھېسابلىغان. ئۇ، پۈتۈن ئۆمرىدە ئەدەبىي تەنقىدنى قورال قىلىپ، يانچىلىق تۈزۈمى، مۇستەبىت تۈزۈم ۋە چېركاۋغا رەھىمسىزلىك بىلەن ھۇجۇم قىلغان. ئاساسلىق ئەسەرلىرىدىن <گوگۇلغا خەت>، <پۇشكىن ئەسەرلىرى توغرىسىدا>، <1846- يىلىدىكى روسىيە ئەدەبىياتىغا نەزەر>، <1847-يىلىدىكى روسىيە ئەدەبىياتىغا نەزەر> قاتارلىقلار بار. ئۇنىڭ ۋاپاتىدىن كېيىن ئەسەرلىرى توپلىمى نەشر قىلىنغان.