UyghurMain Dictionary
بېللو
دۇنيا تارىخى
(1781 - 1865) ۋېنسۇئېلالىق تىلشۇناس، شائىر، قانۇنشۇناس، مائارىپشۇناس. كاراكاستا تۇغۇلغان. دەسلىپىدە ئۇنىۋېرسىتېتتا پەلسەپە، قانۇن، تىبابەتچىلىكنى ئۆگىنىپ، مەشھۇر گېرمانىيە ئالىم ھۇنبولىد بىلەن تونۇشقان. 1810-يىلى بولىۋار بىلەن بىللە لوندونغا ئەلچى بولۇپ بارغان، كېيىن چىلى، كولۇمبىيە ئەلچىخانىلىرىنىڭ كاتىپى سۈپىتىدە ئۇزاققىچە ئەنگلىيىدە تۇرغان. لوندوندىكى مەزگىلىدە <ئامېرىكا قىتئەسى مەجمۇئەسى> ۋە <ئامېرىكا قىتئەسى توپلاملىرى> دېگەن ژۇرناللارنى چىقارغان. 1929-يىلى چىلىنىڭ سانتياگو دېگەن شەھىرىگە كۆچۈپ بارغان ھەمدە چىلىنىڭ دىپلوماتىيە مىنىستىرلىكىدە خىزمەت قىلغان. 1842-يىلى سانتياگو ئىنستىتۇتى ۋە چىلى ئۇنىۋېرسىتېتىنى قۇرۇشقا قاتناشقان ھەمدە چىلى ئۇنىۋېرسىتېتىنىڭ ئۆمۈرلۈك مۇدىرلىقىغا تەيىنلەنگەن. لاتىن ئامېرىكىسىدىكى ئەڭ قەدىمكى <چىلى ھەق - تەلەپ قانۇنى> ۋە <خەلقئارالىق قانۇن قائىدىلىرى> قاتارلىق قانۇنشۇناسلىق ئەسەرلىرىنى تۈزۈپ چىققان ھەمدە <كاستىلو تىلى گرامماتىكىسى>، <كاستىلو تىلىنى توغرا ئوقۇش ئۇسۇلى ۋە ۋەزىن ئىلمىي قائىدىلىرى> قاتارلىق تىلشۇناسلىق ئەسەرلىرىنى يازغان، يەنە پسىخولوگىيە ۋە لوگىكىغا ئائىت ئەسەرلەردىن <ئالەم تەزكىرىسى ياكى ئالەمنى ئەڭ يېڭى كەشپىياتلار ئارقىلىق سۈرەتلەش>، <ئەقىل پەلسەپىسى> قاتارلىقلارنى يازغان. ئەدەبىيات ئىجادىيىتىدە شېئىرلار تولىمى <ئامېرىكا قىتئەسى شىلۋاسى>، مەشھۇر ناخشىلاردىن <دېئىر بىلەن سۆھبەت> <ئىسسىق بەلباغ رايونلىرىدىكى دېھقانچىلىق تېخنىكىلىرىغا> قاتارلىقلارنىمۇ يازغان.