UyghurMain Dictionary
بىلىك
چاغاتاي دەۋرى ئۇيغۇر سۆزلۈكلىرى
ئىلىم، بىلىم:
كۆيمە بۇ سۆزگە چۇ بىلۇرسەن بىلىك،
باس يۈرەكىڭ، قارنىڭغە قويغىن ئىلىك.
ئەھمەدى.
كلاسسىك ئەدەبىيات سۆزلۈكلىرى
ئىلىم، بىلىم: ئادەم بىلىك بىلەن، ھايۋان ئىلىك. (ماقال)
مەنىداش سۆزلۈكلەر
ئىنسانلار تەبىئەتنى ئۆزگەرتىش جەريانىدا ئېرىشكەن بىلىش ۋە تەجرىبە.
بىلىم _كۈچ. بىلىم _ خورىماس بايلىق. بىلىم _ ئەقىلنىڭ چىرىغى. ئەقىلغە ئىلىم بىلەن بەرگىن ياردەم، ئەقىل بۇ ئىلمگە خېرىداردۇ ھەر دەم. پەندە تۈپتۈز يول يوق. پەن ھەربىر كىشىدىن جىددىي ئىشلەشنى ۋە يۇقىرى قىزغىنلىقنى تەلەپ قىلىدۇ. «قۇتادغۇبىلىك» قۇتىدىغا بىلىم دېمەكتۇر. مەلۇمات كىشىنىڭ ئورنىنى بەلگىلەيدۇ. مۇھەببەتنى ساۋات بىلەن ئۆلچىگىلى بولماس، ساۋات _ ئىلىم ئاساسى، ئىلىم _ ھايات كۆزى، ھايات تەلەپ قىلساڭ بۇ ساۋات ئۆزى.
تۈركىي تىللار دىۋانى سۆزلۈكلىرى
بىلىم، ئىلىم.
بىلىك ئۆگرەن _ بىلىم ئۆگەن.
1 - 501
تۈركىي تىللار دىۋانى سۆزلۈكلىرى
ھېكمەت.
ئوزاقى بىلگەلەر _ بۇرۇنقى ھېكمەتلەر (دانىشمەنلەر).
1 - 501
تۈركىي تىللار دىۋانى سۆزلۈكلىرى
ئەقىل.
ماقالدا مۇنداق كەلگەن: ئوغلان بىلىكسىز _ بالا ئەقىلسىز، يەنى بالىدا ئەقىل يوق.
1 - 501