Uyghur←ChineseMain Dictionary
بېلگالار
دۇنيا تارىخى
比利格人
bǐ lì gé rén
قەدىمكى گاللىيە (ھازىرقى فرانسىيە، بېلگىيە ئەتراپى) نىڭ شىمالىدىكى ئاھالە. ئومۇمەن، شەرقىي ۋە شىمالىي رېين دەرياسى ( تۆۋەن ئېقىمى) غا تۇتىشىدىغان، جەنۇبىي سېكۇئانا دەرياسى (ھازىرقى سېنا دەرياسى بىلەن ماترونا دەرياسى )ھازىرقى مانا دەرياسى (ھازىرقى مانا دەرياسى) بىلەن چېگرىلىنىدىغان رايونلارغا تارقالغان. كائېسارنىڭ خاتىرىسىگە ئاساسلانغاندا، بېلگالار گېرمانلار بىلەم مەنبەداش باتۇر،ئۇرۇشقا ماھىر ئىكەن؛ گاللىيىنىڭ يېرى مۇنبەت بولغانلىقتىن، ئۇلار خېلى بۇرۇنلا رېين دەرياسىنىڭ ئۇ قىرغىقىدىن كۆچۈپ كەلگەنىكەن. مىلادىدىن ئىلگىرىكى Ⅰ ئەسىرنىڭ ئوتتۇرىلىىدا كائېسار گاللىيىگە يۈرۈش قىلغاندا، بېلگالار قەيسەرلىك بىلەن قارشىلىق كۆرسەتكەندىن كېيىن بويسۇندۇرۇلغان. بېلگالار يەنە بر مۇنچە تارماققا بۆلۈنگەن بولۇپ، بۇلار رېمىلار، سۇئېسسىئونېسلار، مورنىلار، بېلوۋىكىلار قاتارلىقلاردىن ئىبارەت. بىر بۆلۈك بېلگالار دېڭىز بوغىزدىن ئۆتۈپ، برىتانىيىنىڭ جەنۇبىغا كىرگەن.