Uyghur←ChineseMain Dictionary
بىكسىئو
دۇنيا تارىخى
别克希奥
bié kè xī ào
(1821 - 1873) ئىتالىيە بۇرژۇئا دېموكراتى. گارىبالدىنىڭ سەپدىشى. 1848-يىلى پېمونت پىدائىيلار قوشۇنىغا قاتنىشىپ، ئىتالىيىنىڭ ئاۋستىريىگە قارشى ئۇرۇشقان. 1860-يىلى گارىبالدىغا ياردەملىشىپ قىزىل كۆڭلەكلىكلەر يىراققا سەپەر قىلىش قوشۇنىنى تەشكىللەپ، ئىلگىرى - كېيىن بولۇپ كالاتافىمى جېڭىگە، پالېرمو ۋە ۋولتورنۇلارنى ئىشغال قىلىشقا قاتناشقان. شۇنىڭ بىلەن بىرگە سىتسىلىيە ئارىلىدىكى دېھقانلارنىڭ فېئوداللىققا قارشى قوزغىلىڭىنى باستۇرغان. 1862-يىلى پادىشاھلىق قوشۇنىغا قاتناشقان. 1866-يىلى 6-ئايدا كوستۇزا جېڭىگە قاتناشقان. 1870-يىلى پىدائىيلار قىسمىغا قوماندانلىق قىلىپ رىمنى ئىشغال قىلغان. شۇ يىلىدىن ئېتىبارەن يۇقىرى پالاتا ئەزاسى بولغان. كېىن سودا جەمئىيىتى قۇرۇپ، يىراق شەرق دېڭىز - ئوكيان ترانسپورتى بىلەن شۇغۇللانغان.