Uyghur←ChineseMain Dictionary
بىكرى بېلىق
بىئولوگىيە
鲟鱼
xúnyú
<كالوگا بېلىقى> دەپمۇ ئاتىلىدۇ. ئۇ بېلىقلار سىنىپى، بىكرىسىمانلار ئەترىتى، بىكرىلەر ئائىلىسىنىڭ بىكرى ئۇرۇقدىشىدا ئۇنىڭ بەدىنى ئۇزۇن، ئۇرچۇق شەكلىدە، دۈمبىسىنىڭ دەل ئوتتۇرىدا بىر قاتار، دۈمبىسىنىڭ يېنىدا ۋە قورساق قىسمىدا ئىككى قاتاردىن جەمئىي بەش قاتار قاتتىق قاسىراقلار بولىدۇ. ئەگرى قۇيرۇق، قۇيرۇق پالاقچىسىنىڭ ئۈستۈنكى ۋە ياپراقچىسىدا تىكەنسىمان قاتتىق تەڭگىچىسى بولىدۇ. تۇمشۇق ئۆسۈكچىسى تەرەققىي قىلغان. سەل نەشپۈتسىمان بولىدۇ. ئېغىزى كىچىك تۆۋەنگە جايلاشقان ۋە توغرىسىغا ئېچىلغان بولۇپ، ئەركىن ئۇزىراپ - قىسقىرالايدۇ. ئېغىزىنىڭ ئالدىدا ئىككى جۈپ سېزىش بۇرۇتچىسى بار، ژابرا پەردىسى بوغۇز قىسمىغا بىرلەشكەن. ئومۇرتقا تەنچىسى يوق، ئىسكىلىتىنىڭ كۆپچىلىكى كۆمۈرچەك، شۇڭا يەنە كۆمۈرچەكلىك قاتتىق تەڭگىچىلىك بېلىقلار دەپمۇ ئاتىلىدۇ. دەريا ۋە يېقىن دېڭىزلاردا ياشايدىغان ئوتتۇرا تۆۋەن قەۋەت بېلىقلىرى ھېسابلىنىدۇ. كۆچىدىغانلىرى، يېرىم كۆچۈش خاراكتېردىكىلىرى ھەم ساپ تاتلىق سۇدا ياشايدىغان تۈرلىرى بولىدۇ. سۇ تېگىدە ياشايدىغان ئومۇرتقىسىز ھايۋانلار ۋە كىچىك بېلىق قاتارلىقلار بىلەن ئوزۇقلىنىدۇ. جىنسى كېچىكىپ يېتىلىدۇ. ئادەتتە ئون قېتىمدىن ئارتۇق تۈلىگەنگىچە كىچىكىدۇ، تۇخۇم مىقدارى زور. ئۇ چوڭ تىپتىكى ئىقتىسادىي بېلىقلارغا كىرىدۇ، بەدەن ئۇزۇنلۇقى ئۈچ مېتىردىن، ئېغىرلىقى 300 كىلوگرامدىن كۆپرەككە يېتىدۇ. ئۇنىڭ ئەڭ چەڭ يەككە تەنلىرى 1000 كىلوگرامدىن ئاشىدۇ. ئىقتىسادىي قىممىتى يۇقىرى. تۇخۇمى قارا رەڭلىك بولۇپ، قىممەتلىك يېمەكلىك بولغان بېلىق تۇخۇمى كونسېرۋاسى پىششىقلاپ ئىشلەشكە بولىدۇ. بىكرى بېلىقى شىمالىي يېرىم شار بېلىقلىرىغا كىرىدۇ. ياۋروپا، ئاسىيا، شىمالىي ئامېرىكىلارنىڭ ھەممىسىگە تارقالغان. مەملىكىتىمىزدە شىرىنكى بىكرى بېلىقى (A.schrencki) جۇڭخۇا بىكرى بېلىقى (A.sinensis) ۋە دابرىئان بىكرى بېلىقى (چاڭجياڭ بىكرى بېلىقى دەپمۇ ئاتىلىدۇ، A.dabryanus) قاتارلىقلار بولۇپ خېيلۇڭجياڭ دەرياسى، چاڭجياڭ دەرياسى ۋە چيەنتاڭجياڭ دەرياسى قاتارلىقلارغا تارقالغان. ياپونىيىدىن چىقىدىغان كۆپ تەڭگىچىلىك بىكرى بېلىقى ( A.multisculatus) مۇ مۇشۇ خىلغا كىرىدۇ. يېقىندىن بۇيان چاڭجياڭ شەنشيا توغىنى ياسالغانلىقى تۈپەيلىدىن جۇڭخۇا بىكرى بېلىقىنىڭ كۆپىيىش ئۈچۈن كۆچۈش يولى ئۈزۈۋېتىلدى. بۇ قىممەتلىك بېلىقلارنى قانداق قوغداش مەسىلىسى جىددىي ھەل قىلىشقا تېگىشلىك مەسىلە بولۇپ قالدى.