Uyghur←ChineseMain Dictionary
بېكارىيا
دۇنيا تارىخى
别卡里阿
bié kǎ lǐ ā
(1738 - 1794) ئىتالىيىلىك مەرىپەتپەرۋەر، قانۇنشۇناس، ئىقتىسادشۇناس، ماركىز، مىلاندا تۇغۇلغان. مىلاندا ئوقۇتقۇچىلىق قىلغان. ⅩⅧ ئەسىرنىڭ 60-يىللىرى مىلاندىكى ئىتالىيە مەرىپەتچى ئالىملار گۇرۇپپىسىنىڭ پائالىيىتىگە قاتناشقان. ئەڭ ئاۋۋال مەملىكەت ئىچىدە ئۆلۈم جازاسى بېرىشكە قارشى تۇرۇشنى ئوتتۇرىغا قويغان. 1764-يىلى ئۆزىنىڭ <جىنايەت ۋە جازا توغرىسىدا> ناملىق كىتابىنى ئېلان قىلغان. ئىنسانپەرۋەرلىكنى چىقىش نۇقتىسى قىلىپ، ئەقىلنى جىنايى ھەرىكەتنى ئۆلچەشنىڭ ئۆلچىمى قىلىشنى ئوتتۇرىغا قويان، جازا بېرىش جەمئىيەتتن قوغداپ قېلىشنىڭ ۋاستىسى دەپ قاراپ، ھەددىدىن زىيادە قاتتىق ۋە قىساس ئېلىش خاراكتېرىدىكى جازا ئۇسۇلىغا قارشى چىققان. دەۋا - دەستۇر داۋامىدا زالىملىق قىلىشقا قارشى تۇرۇپ، پۇقرالارنىڭ قانۇن ئالدىدا باراۋەر بولۇشىنى تەشەببۇس قىلغان. ئۇنىڭ بۇ كىتابى ياۋروپادا غايەت زور تەسىر قوزغاپ، فرانسىيە قامۇسچىلىرىنىڭ ماختىشىغا سازاۋەر بولغان. ئىقتىسادىي جەھەتتە، فىزىئوكراتلار (يېزا ئىگىلىك ئەلاچىلىقى تەرەپدارلىرى) نىڭ ئىدىيىسىنى قوللاپ كەلگەن. 1771-يىلى مىلان ئالىي ئىقتىسادىي كومىتېتىدا ۋەزىپە ئۆتىگەن.