UyghurMain Dictionary
بىكار
مەنىداش سۆزلۈكلەر
ئورۇنسىز، نەپ - مەنپەئەتسىز.
بىكار ياتقاننىڭ بۆرىكىنى ماي قاپلار. ئەجەل ئوق ئاتقاندا قاچقىنىڭ بىكار، ئېغىناپ ئالتۇندا ياتقىنىڭ بىكار، تەكشۈردۈم ئالەمنى ....ياخشىلىق ياخشى، بۇنىڭدىن باشقا، گەپ ساتقىنىڭ بىكار. تۈنلەر باشتىن ئاياغ ئۇيقۇدا ئۆتسە، ئەجەب ئەمەس يېرىم ئۆمۈر بىھۇدە كەتسە. خۇن ئىش - بىھۇدە ئىش، بىكار ئىش.
مەنىداش سۆزلۈكلەر
ئىش يوق، ئىش قىلماي يۈرۈش.
بوشقا بويۇن ئەگمە. بىكار تۇرغۇچە بىكار ئىشلە.
ئۇيغۇر تىلى ئۇنۋېرسال سۆزلۈكلەر
پارىسچە
سۈپ. ئىشتىن خالىي، بوش، ئىشى يوق، ئىشسىز.
بىر بىكار ئوننى بىكار قىلىپتۇ (ماقال).
سۈپ. ئەھمىيەتسىز، پايدىسىز، كېرەكسىز.
بۇ يەرلەرنى ئاغدۇرۇشقا تراكتور دېگەن جانىۋاردىن باشقىسى بىكار - دە!
رەۋ. ئورۇنسىز، سەۋەبسىز.
مەن ئەھۋالنى ھەقىقىي بىلگەندىن كېيىنلا، ئۇنى بىكار ئەيىبلىگەنلىكىمنى بىلدىم.
سۈپ. ئىگىلەنمىگەن، بوش، قۇرۇق.
شۇنچە چوڭ، ئازادە زالدا بىكار ئورۇندۇق كۆرۈنمەيتتى.
رەۋ. ھەقسىز، پۇلسىز؛ ئەجىرسىز (< - غا، - قا، - گە، - كە: - دىن، - تىن> قوشۇمچىلىرى ئۇلىنىپ كېلىپ).
كىيىم بىكارغا كەلمەيدۇ، ئۇنى ئاسراپ، ئاياپ كىيىش كېرەك.