Uyghur←ChineseMain Dictionary
بىجېركنېس
دۇنيا تارىخى
皮叶克尼斯
pí yè kè ní sī
(1862 - 1951)نورۋېگىيە فىزىكا مېتېئورولوگى. 1892-يىلى كرىستىئانىيە ( ھازىرقى ئوسلو) ئۇنىۋېرسىتېتىنىڭ دوكتورلۇق ئۇنۋانىغا ئىگە بولغان. پارىژ ۋە بونىنغا بېرىپ بىلىم ئاشۇرغان. 1895 - 1907 - يىللىرى ستوكھولم ئۇنىۋېرسىتېتىدا پروفېسسور بولغان. 1907 - 1912 - يىللىرى ئوسلو ئۇنىۋېرسىتېتىدا پروفېسسور بولغان. 1912-يىلىدىن كېيىن لېيپسېگ ئۇنىۋېرسىتېتىغا بېرىپ، لېيپسېگ فزىكا تەتقىقات ئورنىنى قۇرۇپ چىققان ھەمدە ئۇنىڭ باشلىقى بولغان. 1917-يىلى تەكلىپكە بىنائەن، بېرگېن ئۇنىۋېرسىتېتىغا بېرىپ، بېرگېن ھاۋا رايى كۆزىتىش ئورنىنى قۇرغان. 1926 - 1932- يىللىرى يەنە ئوسلو ئۇنىۋېرسىتېتىدا پروفېسسور بولغان. دىنامىكىلىق مېتېئورولوگىيە ۋە ھاۋا رابى ئىلمىي تەتقىقاتى بىلەن شۇغۇللىنىپ، ئايلىنىش تېئورىمىسىنى تېپىپ، فورونت يۈزى ۋە ھاۋا قاينىمى تەلىماتىنى ئالدىن مەلۇمات بېرىش جەھەتلەردە تۆھپە قوشقان. <مەيدان ۋە كۈچ>، <دىنامىكىلىق مېتېئورولوگىيە ۋە سۇ رايى جۇغراپىيىسى>، <ھالقىسىمان ھەرىكەتلەندۈرگۈچى كۈچنىڭ ئاتموسفېرا قاينىمى ئاتموسفېرا دولقۇنىدا ئىشلىتىلىشى> قاتارلىق ئەسەرلىرى بار.