UyghurMain Dictionary
بىجىقىم
قارشى مەنىلىك سۆزلەر
ئىش - ھەرىكىتى ئاستا، قوپال.
چاققان، چەبدەس، ئەپچىل، تېتىك، ئايىغى يېنىك
ئىش - ھەرىكىتى ناھايىتى تېز، ئەپلىك.
چاققان خوتۇننى بۆشۈك تۈۋىدە كۆرۈڭ. چېچەننىڭ تىلى، چەبدەسنىڭ قولى. ئەپچىلنىڭ ئىشى ئوڭ. توقسانغا كىرگەن تېتىك بولماس. ئايىغى يېنىك ئەلگە ياقىدۇ. مىلجىڭنى ئەزمە يېڭىدۇ. ئاغزىڭ ئەپچىل بولغۇچە، قولۇڭ ئەپچىل بولسۇن. گىجىڭدىن قورق. ئېزىلەڭگۈ ئايىغىنى سالغۇچە، چەبدەس يۇيۇنۇپ بولار. بىجىقىم خوتۇن چاي قايناتقۇچە، چاققان خوتۇن ئاش پىشۇرار. پالاكەتنىڭ بېشى يېرىق. سۆرەلمىپالاس ئىش بۇزار. ئايىغى ئېغىر ئىشنى كېچىكتۈرىدۇ.
ئۇيغۇر تىلى ئۇنۋېرسال سۆزلۈكلەر
سۈپەت
ھۇرۇن، ئىنجىق، يالقاۋ؛ گىجىڭ.
بىجىقىم خوتۇن چاي قايناتقۇچە، چاققان خوتۇن ئاش پىشۇرار (ماقال).