UyghurMain Dictionary
بېيشەن سۈلۈكى
ئىسلام ئاتالغۇلىرى
جۇڭگودىكى جەھرىيە سۈلۈكىگە مەنسۇپ شۆبە سۈلۈك ھېسابلىنىدۇ. بۇ سۈلۈك گەنسۇدىكى جاڭجىياچۇەننىڭ شىمالىي تېغى (بېيشەن) نى دىنىي تەرغىبات بازىسى قىلغانلىقتىن شۇنداق دەپ ئاتالغان. جەھرىيەنىڭ بەشىنچى ئەۋلاد ئىمامى ماخۇالۇڭ زىيانكەشلىككە ئۇچرىغاندىن كېيىن، جەھرىيەنىڭ نەسەبى ئۈزۈلۈپ قالىدۇ. مامىڭشىڭنىڭ نەۋرىسى مايۈەنچاڭ سۈلۈكنى ئەسلىگە كەلتۈرۈپ، ئىمام بولىدۇ. دىنىي ھوقۇق گۇەنچۇەن سىستېمىسىغا ئۆتىدۇ (بۇنىڭدىن ئىلگىرى دىنىي ھوقۇق لىڭجۇ سىستېمىسىدا ئىدى). ئارىدىن ئۇزۇن ئۆتمەي لىڭجۇ سىستېمىسىدىكى ماجىڭشىن (ماخۇالۇڭنىڭ ئوغلى) ھوقۇققا ۋارىسلىق قىلىشنى تەلەپ قىلىدۇ. ئىككى ئۇتتۇرىدا تالاش - تارتىش پەيدا بولىدۇ. كېيىن ماجىڭشى ئالتىنچى ئەۋلاد ئىمام ماجىڭچېڭنىڭ جەسىتىنى جاڭجياچۇەندىكى نەنچۇەنگە يۆتكەيدۇ ھەمدە گۈمبەز سالىدۇ؛ مايۈەنجاڭمۇ ئادەم ئەۋەتىپ ماجىڭچېڭنىڭ جەسىتىنى جاڭجياچۇەندىكى بېيشەنگە يۆتكەپ كېلىپ، ئۇمۇ گۈمبەز سالىدۇ. شۇنىڭ بىلەن جەھرىيە ئىككى تەرەپكە بۆلۈنۈپ كېتىدۇ: ماجىڭشى نەنچۇەندە خانىقا سېلىپ، لىڭجۇ سىستېمىسىدىكى <نەنچۇەن سۈلۈكى> بولىدۇ؛ مايۈنچاڭ باشچىلىقىدىكى گۇەنچۇەن سىستېمىسى <بېيشەن سۈلۈكى> دەپ ئاتىلىدۇ. كېيىن <بېيشەن سۈلۈكى> يەنە بۆلۈنۈپ كېتىدۇ. مايۈەنجاڭنىڭ 4 - ئوغلى ماجىڭۋۇ شاگۇ سۈلۈكىنىڭ ئىمامى بولىدۇ. مايۈنچاڭنىڭ ئۇكىسى مايۈەنچياۋ ئايرىم بىر تەرەپ بولۇۋېلىپ، بېيشەننى بازا قىلىدۇ، بۇ بېيشەن سۈلۈكى دەپ ئاتىلىدۇ. دىنىي ئەقىدە، قائىدە جەھەتلەردە جەھرىيەگە مەنسۇپ، باشقا سۈلۈكلەر بىلەن ئانچە تېپىشمەيدۇ. لېكىن، نەسەبكە ۋارىسلىق قىلىش ۋە دىننى تەرغىب قىلىدىغان رايونلار توغرىسىدا پىكرى پەرقلىنىدۇ. ماجىڭۋۇنىڭ ئىماملىق ئورۇنغا ۋارىسلىق قىلىشىغا قارشى تۇرىدۇ.