Chinese→UyghurMain Dictionary
彼得罗夫斯基
دۇنيا يەر - جاي ناملىرى
bǐ dé luó fū sī jī
پېتروۋسكىي
دۇنيا تارىخى
پېتروۋسكى
(1878 - 1958) سابىق سوۋېت ئىتتىپاقى ئالىي سوۋېت پىرىزدىئومىنىڭ مۇئاۋىن رەئىسى. قول - ھۈنەرۋەن ئائىلىسدە دۇنياغا كەلگەن. 1895 - يىلى ئىنقىلابىي پائالىيەتلەرگە قاتناشقان. 1898 - يىلى روسىيە سوتسىيال دېموكراتىك ئىشچىلار پارتىيىسىگە قاتناشقان. 1905 - يىلىدىكى ئىنقىلاب دەۋرىدە يېكاتىرىنوسلاۋ ئىشچىلار ۋەكىللىرى سوۋېتى ۋە شەھەرلىك ئىش تاشلاش كومىىتېتىنىڭ رەھبەرلىرىدىن بىرى بولغان. 1912 - يىلى تۆتىنچى نۆۋەتلىك دۆلەتلىك دۇما بولشىۋىكلار پارتىيە ئۆمىكىنىڭ رەئىسلىكىگە تەيىنلەنگەن. 1914 - يىلى قولغا ئېلىنىپ، ئىككىنچى يىلى ئۆمۈرۋايەتلىك سۈرگۈن قىلىنىشقا ھۆكۈم قىلىنغان. 1917 - يىلىدىكى فېۋرال قوزغىلىڭىنى تەشكىللەشكە قاتناشقان. 9171 - 1919 - يىللىرى سوۋېت روسىيە ئىچكى ئىشلار خەلق كومىسسارى بولغان، 1937 - 1938 - يىللىرى ئالىي سوۋېت پىرىزدىئومنىڭ مۇئاۋىن رەئىسى بولغان. 1940 - يىلىدىن باشلاپ سوۋېت ئىتتىپاقى ئىنقىلابىي مۇزېيىنىڭ مۇئاۋىن باشلىقى بولغان. پارتىيە مەركىزىي كومىتېت ئەزالىقىغا (1921 - 1939) ۋە سىياسىي بيۇرونىڭ كاندىدات ئەزالىقىغا (1926 - 1939) سايلانغان.