Chinese→UyghurMain Dictionary
彼得大使团
دۇنيا تارىخى
پېتر ئەلچىلەر ئۆمىكى
1697 - 1698 - يىللىرى چار پادىشاھ پېتر Ⅰ نىڭ غەربىي ياۋرۇپانى زىيارەت قىلىشقا بارغان دىپلوماتىك ئەلچىلەر ئۆمىكى. بۇ ئۆمەك تەخمىنەن 250 ئادەمدىن تەركىب تاپقان، باش ئەلچى لېفورت (1656 - 1699)، گولوۋىن قاتارلىقلار باشچىلىق قىلغان. پېتر Ⅰ ئىسمىنى ئۆزگەرتىپ بۇ ئۆمەككە قاتناشقان ھەمدە ئەمەلىي رەھبەر بولغان. تۈركىيىگە قارشى ئىتتىپاقداشلارنى تېپىش ۋەزىپىسىنى ئادا قىلالمىغان، لېكىن پولشا كورۇلى ئاۋگۇست Ⅱ بىلەن شەرتنامە تۈزۈپ، شۋېتسىيىگە قارشى ئىتتىپاق تۈزگەن. ئەلچىلەر ئۆمىكى گوللاندىيە، ئەنگىلىيە ۋە ئاۋستىرىيە قاتارلىق غەربىي ياۋرۇپ ئەللىرىنىڭ ئىقتىسادىي، سىياسىي، ھەربىي ۋە مەدەنىيىتى، پەن - تېخنىكىسىنى كۆزدىن كەچۈرۈپ، زاۋۇت - كانلارنى ئېكسكۇرسىيە قىلىپ، كېمىسازلىقنى تەتقىق قىلىپ، قورال - ياراق سېتىۋالغان، ياللىغان ماتروس، توپچىلار ۋە تەكلىپ قىلىنغان مۇتەخەسسىسلەردىن بولۇپ جەمئىي 1000 دىن ئوشۇق كىشىنى ئېلىپ كەلگەن. پېتر Ⅰ نىڭ ئىسلاھاتىغا چوڭقۇر تەسىر كۆرسەتكەن.كېيىن روسىيىدىكى گۋاردىيىچىلەر توپىلاڭ كۆتۈرگەنلىكتىن مۇددەتتىن ئىلگىرى دۆلىتىگە قايتقان.