Chinese→UyghurMain Dictionary
扁桃体
بىئولوگىيە
بادام بەز (بادام تەنچە)
قوش ماكانلىقلاردىن يۇقرى ھايۋانلارنىڭ كېيىنكى بۇرۇن تۆشۈكىنىڭ ئۈستۈنكى دىۋارى ياكى يۇتقۇنچاق قىسمى بىلەن ئېغىز بوشلۇقى، بۇرۇن بوشلۇقىنىڭ تۇتىشىدىغان جايىدىكى شىلىمشىق پەردە ئاستىدا لىمفا توقۇلمىسىدىن شەكىللەنگەن كاللەك تەنىچە بادام بېزى دېيىلىدۇ. ئادەم بەدىنىدە ئىگىلىگەن ئورنىنى ئوخشىماسلىقىغا ئاساسەن تاڭلاي بادام بېزى، يۇتقۇنچاق بادام بېزى، تىل بادام بېزى قاتارلىق بەزلەر بولىدۇ. ئادەتتە ئېيتىلىۋاتقان بادام بېزى تاڭلاي بادم بېزىگە قارىتىلغان بولۇپ، يېسسى تۇخۇم شەكلىدە بولىدۇ. يۇتقۇنچاق دىۋارىدىكى مۇسكۇل قەۋىتى بىلەن بولغان باغلىنىشى ناھايىتى ئاجىز بولۇپ، ئاسان ئاجراپ كېتىدۇ. بۇ بىرخىل قوغدىنىش قۇرۇلمىسىدىن ئىبارەت. ئۇ ئاسان ياللۇغلىنىدۇ، باكتېرىيە ئېلىپ يۈرگۈچى كېسەل ئوچىقىغا ئايلىنىش ئېھتىمالى زور، كېسەل ئەھۋالى ئېغىرلارنىڭ بادام بېزىنى ئېلىۋېتىش لازىم. يۇتقۇنچاق بادام بېزىدە كېسەللىك ئۆزگىرىشى كۆرۈلسە ئۇنىمۇ ئېلىۋەتكەن مۇۋاپىق. تىل بادام بېزى تىل ئارقا قىسمىغا جايلاشقان بولۇپ، كلىنىكىدىكى ئەھمىيىتى چوڭ ئەمەس.
ئادەم ئاناتومىيىسى
biǎn táo tǐ
بادامسىمان بەزDتېببىي
biǎn táo tǐ
بادامبەز، بادام تەنچەDئۇنىۋېرسال
biǎn táo tǐ
بادام بەز، بادام تەنچە، تونسىل؛ ئامگىدالا