UyghurMain Dictionary
بېغىش
شىۋىلەر
قۇمۇل شىۋىسى
تۈگمەننىڭ نۆۋىتىنى كۈتۈپ ئاپىرىپ قويىدىغان ئازغىنە ئاشلىق.
ئۇيغۇر تىلى ئۇنۋېرسال سۆزلۈكلەر
ئىسىم
بىلەكنىڭ ئالىقان بىلەن تۇتىشىدىغان ئۈگىسى.
ئۇستىخان ۋە غولنىڭ تۇتىشىپ تۇرىدىغان ھەربىر ئۈگىسى.
ئۇلار ئۇخلىغان چاغدا تېنىنى بېغىش - بېغىشلىرىدىن چېپىپ پارچىلىۋەتسىمۇ ھەرگىز ئويغانمايدۇ.
زىرائەتنىڭ ھەربىر بوغۇملىرىنىڭ تۇتىشىپ تۇرغان، مېۋىلەرنىڭ غولىنى تۇتاشتۇرۇپ تۇرغان جايى.
ھەر تاۋۇز، ھەر تاۋۇز، ھەر بېغىشتا بىر تاۋۇز.
ئۇيغۇر تىلى ئۇنۋېرسال سۆزلۈكلەر
ئىسىم
تۈگمەننىڭ نۆۋىتىنى كۈتۈپ ئاپىرىپ قويىدىغان ئازراق ئاشلىق، ئۈگۈت.
تۈگمىنىڭ تېگەر بولسا، بېغىشىڭنى قۇيدۇرما. ئاشىقىڭدىن سۆز ئالساڭ، دۈشمىنىڭگە تۇيدۇرما.