—Reference
بۇغداينىڭ ئاقىۋىتى
ئۇيغۇر خەلق مەسەللىرى
بۇغداي دېدى تاغارغا:
- مېنى قاپساپ ياتىسەن.
مەن بولمىسام ئىچىڭدە،
ئەرزىمەس بىر لاتىسەن.
ئاھانەتكە چىدىماي،
تاغار بىردىن يېرىلدى.
ئەتىۋارلىق ئاق بۇغداي،
شۇئان يەرگە چېچىلدى.
توخۇ كېلىپ چوقۇدى،
ئېشەكلەرمۇ يەپ كەتتى.
ئاشقىنىنى كېچىدە،
سېرىق چاشقان ئېپ كەتتى.
× ×
ئەدەپ - ئەخلاق بىلەنلا،
ئىززەتلىكتۇر ئىنسانلار.
خار ئەيلەيدۇ ئۆزىنى،
ئۇندىن يىراق قاچقانلار.