UyghurMain Dictionary
بەز
ئاھاڭداش سۆزلەر
ئىسىم.
1 . ئادەم ۋە ھايۋاننىڭ ياشىشى ئۈچۈن، زۆرۈر ماددىلارنى ئىشلەپچىقىرىدىغان توقۇلما.
لىمفا بەزلىرى، قالقانسىمان بەزلەر، تەر بەزلىرى، شۆلگەي بەزلىرى.
2 . ھايۋان يېغى ئىچىدە ئۇچرايدىغان كۈل رەڭ توقۇلما. ياغدىكى بەزنى ئېلىۋەتمەك. * مۈشۈكنىڭ پۇلى يوق، بەزگە ئامراق (ماقال).
3 . ئورگانىزىمنىڭ ياللۇغلىنىشىدىن تومپىيىپ قالغان يەر. تېقىمغا بەز چۈشكەن بولسا، بويۇڭ ئۆسىدىكەن.
ئاھاڭداش سۆزلەر
سۈپەت.
1 . گەپ ئۆتمەيدىغان، سۆز تەسىرقىلمايدىغان.
ئۇ تازا بىر بەز ئادەمكەن.
2 . سۇ سىڭمەيدىغان، يۇمشىمايدىغان. بەز تۇپراق، بەز لاي.
ئاھاڭداش سۆزلەر
پېئىل.
بەزمەك، بېزىش. بىزار بولماق، كۆرگۈسى كەلمەي قالماق، زېرىكمەك، تويماق، ۋاز كەچمەك.
شۇ كۈنلەردىكى ناھەقچىلىقتىن بەزدىم. * ئاتىسى تۇرۇپ بالىسى سۆزلىگەندىن بەز (ماقال).
مەنىداش سۆزلۈكلەر
زېرىكىش، يالتىيىش تۇيغۇسى.
ئۆيدىن بەزسەڭمۇ، ئەلدىن بەزمە. ئاتىسى تۇرۇپ ئوغلى سۆزلىگەندىن بەز. سۆيدۈرگەنمۇ تىل، بەزدۈرگەنمۇ تىل. دىل تازاردىن خۇدا بىزار. ئاكا - ئۇكىنىڭ ئازارى بولسىمۇ بىزارى يوق.
قەدىمكى ئۇيغۇر تىلى سۆزلۈكلىرى
بەز؛ قاپارتما
ئۇيغۇر تىلى ئۇنۋېرسال سۆزلۈكلەر
سۈپەت
ئى <ئانات > جانلىق ئورگانىزملارنىڭ تېنى ئىچىدىكى بەز ھۈجەيرىلىرىدىن تۈزۈلگەن ۋە بەلگىلىك دەرىجىدە خىمىيىۋى ماددىلارنى ئاجرىتىپ چىقىرالايدىغان توقۇلما.
تەر بېزى. شۆلگەي بېشى.
مۈشۈكنىڭ پۇلى يوق بەزگە ئامراق (ماقال).
ئى. ئورگانىزمنىڭ ياللۇغلىنىشىدىن تومپىيىپ چىققان جاي.
ئوغلۇم. تولا ئاقسىماي ماڭ، تېقىمىڭغا بەز چۈشۈپ قالمىسۇن يەنە.
سۈپ. كۆچمە. گەپ - سۆز تەسىر قىلمايدىغان، قاشاڭ، يۈزى قېلىن.
بەز قۇلاق.
تۇسۇن ئاكامنىڭ بالىسى بىر بەز ئادەم بوپتۇ.
سۈپ. سۇ سىڭمەيدىغان، قاتمايدىغان ھەم يۇمشىمايدىغان.
بەز تۇپراق. بەز لاي.