UyghurMain Dictionary
بەختسىز
مەنىداش سۆزلۈكلەر
بەختى - تەلىيى يوق، بەخت - تەلەيدىن مەھرۇم، بەخت - سائادەتكە ئېرىشەلمىگەن.
خەقنى بەختسىز قىلغاننىڭ ئۆزىمۇ ياخشى كۈنگە قالمايدۇ. بەخت ئىچىگە بەختسىزلىك يوشۇرۇنغان بولىدۇ. بەختىڭ قارا بولسا بولسۇن، كۆڭلۈڭ قارا بولمىسۇن. بەتبەخت بولماي دېسەڭ، بەختىڭنى ئاسرا. تەلەيسىزنىڭ سېڭىغا بۇغدار قويسا، ئارپا چىقار. تەلەيخان تەلەيسىز بوپ قاپتۇ. بىتەلەيگە سۇ كەلسە، ئاللاكۇدىن يار كېتىپتۇ. بىتەلەي تالقان يېسە، قارنىدىن بوران چىقىپتۇ.
قارشى مەنىلىك سۆزلەر
تۇرمۇشتا بالا - قازاغا ئۇچرىغان، غەم - قايغۇدا ئۆتۈۋاتقانلىق ھېسسى.
بەختلىك، سائادەتمەن، بەختىيار
تۇرمۇشتىن رازى، مەمنۇن، خۇشال ئۆتۈۋاتقانلىق ھېسسى.
بەختلككە ئەقىلنىڭ نېمە كېرىكى، ئەقلى يوققا بەختنىڭ نېمە كېرىكى. سائادەتمەن شەھۋانىيەتكە بېرىلمەس. بەتبەختنىڭ يۈزى قارا. دۇنيادا ئوتتۇرىدا قېلىشتىن ئارتۇق بەختسىزلىك يوق. بەختىيارنىڭ كېمىسى قۇرۇق يەردىمۇ ئۈزىدۇ. ئۇ قىز بەختى قارا بولۇپ قالدى. شور (شۇم) پېشانىنىڭ تەلىيى كاج.
ئۇيغۇر تىلى ئۇنۋېرسال سۆزلۈكلەر
سۈپەت
بەختى يوق، بەخت تاپمىغان، بەخت - سائادەتتىن يىراق، بەختى قارا، تەلەيسىز.
بەختسىز ئادەم.
دىۋە بېلىقچىنى كۆرۈپ: - ئەي بەختسىز، مەن سېنى ھازىر ئازابلاپ ئۆلتۈرىمەن! - دەپتۇ.
كۆڭۈلسىز ھادىسىگە، بەختسىزلىككە يولۇققان؛ بىچارە.
بەختسىز بالا.