UyghurMain Dictionary
بەتتانى
دۇنيا تارىخى
(858-929)ئەرەب ئاسترونومى. ئەسلىدە يۇلتۇز ئېتىقادچىلىقى مۇرىتى بولۇپ، كېيىن مۇسۇلمان بولغان. مىلادى 877-918-يىللىرى راككا (بۈگۈنكى سۈرىيىدە) شەھىرىدە ئاستىرونومىيىلىك كۈزىتىش ۋە تەتقىقات ئېلىپ بارغان. يۇلتۇزلار جەدۋىلىنى تۈزگەن. ئۇنىڭ ئەڭ زور تۆھپىسى يەرشارىنىڭ قۇياشتىن ئەڭ يىراق نۇقتىدىكى ھەرىكىتىنى ئۆلچىگەن بولۇپ، كېيىنكى دەۋلەردە بۇ ئەڭ يۇقىرى ئايلىنىش دەپ ئاتالغان ۋە تەخمىنەن 70 يىلدا بىر قېتىم تەكرارلىنىدۇ، دەپ كۆرسىتىلگەن. سىنۇس ۋە تانگېنس فونكسىيىلىرىنى ئاسترونومىيىلىك ھېسابلاشلاردا قوللانغان. ئۇنىڭ ئېكلىپتىكىلىق ئاغمىلىق، يۇلتۇزيىلى تروپپىك يىلى، قۇياشنىڭ يەرگە يېقىنلىشىش نۇقتىسىنىڭ ئارىلىق گرادۇسى، قۇياش ۋە ئاي تۇتۇلۇشنىڭ كۆرۈنۈش پەرقلىرى جەھەتلەردىكى ھېسابلاش ۋە كۆزىتىشلىرى ئۆزىدىن بۇرۇنقىلارغا سېلىشتۇرغاندا ئىنچىكەپۇختا بولغان. ياۋرۇپالىقلار بەتتانىنىڭ ئەسەرلىرىنى ئاسترونومىيىنىڭ ئۇلى دەپ قارايدۇ. كوپېرنىك <ئاسمان جىسىملىرىنىڭ ئايلىنىشى توغرىسىدا> دېگەن كىتابىدا بەتتانىنىڭ كۆزىتىش ماتېرىياللىرىدىن كۆپلەپ نەقىل كەلتۈرگەن.