UyghurMain Dictionary
بەتكەردە
مەنىداش سۆزلۈكلەر
يوقىلاڭ تۆھمەت بىلەن كىشىگە يولسىز چاپلىشىۋالىدىغان، غەرەز ئۇقمايدىغان.
<بىشەم> كۆپرەك ئاياللارغا قارىتىلىدۇ.
<ئىستارە>، <بەتكەردە> خوتەن دىئالېكتىدا قوللىنىلىدۇ.
باتۇر ئاڭقاۋ كېلىدۇ. پالۋان ئۆكتەم. بىشەم خوتۇن بەش كۈنلۈك، بېزەڭ يولداش بىر كۈنلۈك. ئۇششۇق ئۇشتۇمتۇتلا ئېسىلىدۇ. مۇتتەھەم كىمنىڭ ئېشىنى يېسە، شۇنىڭ بېشىنى يەيدۇ. قەلەم بىچارە، موللا ئىستارە. بەتكەردىدىن يىراق بول.
شىۋىلەر
خوتەن شىۋىسى
مۇتىھەم، ئۇششۇق؛ لۈكچەك.
ئۇيغۇر تىلى ئۇنۋېرسال سۆزلۈكلەر
سۈپەت
پارىسچە
كارغا كەلمەيدىغان، ئىشتىن چىققان، كېرەكسىز.
دېھقان خىجالەت ئىچىدە: - تەقدىرىنى تەكبىر بۇزدى، دېگەندەك، مېنىڭ پىلانىمنى بالام بەتكەردە قىلىۋەتتى.
يامان ئىشلارنى قىلىشتىن يانمايدىغان، قەبىھ، ئىپلاس.
- يوقال بۇ يەردىن بەتكەردە! - دەپ قوغلىدى ئاخۇنۇم.