UyghurMain Dictionary
بەسرە مەسچىتى
ئىسلام ئاتالغۇلىرى
بۇ ئىسلام دىنىنىڭ دەسلەپكى چاغلىرىدىكى مەسچىت بولۇپ، ئورنى ئىراقتىكى بەسرەدە. 636 - يىلى سېلىنغان. ئىسلام دىنى ئىراقتىن ئىران ۋە ئوتتۇرا ئاسيا قاتارلىق جايلارغا كېڭىيىش داۋمىدا بۇ مەسچىت كۇفە مەسچىتى بىلەن بىللە بۇ رايوندىكى ئىسلام دىنىنىڭ مەركىزى بولدى. ئەينى يىللاردىكى مەسچىتتە مېھراب ۋە مۇنبەر يوق بولۇپ، مەسچىتكە يەتتە مۇنار سېلىنغان. «قۇرئان كەرىم» نىڭ «ئوسمانىيە نۇسخىسى» مۇشۇ مەسچىتتە ساقلانغان. ھازىر بۇ مەسچىت بۇزۇۋېتىلىپ، خارابىسى ساقلىنىپ قالغان.