UyghurMain Dictionary
بەشرىيە مەزھىپى
ئىسلام ئاتالغۇلىرى
شىئە مەزھىپىنىڭ دەسلەپكى مەزگىللىرىدىكى تارماق مەزھىپىنىڭ بىرى بولۇپ، بۇ مەزھەپنى تەخمىنەن Ⅷ ئەسىردە كۇفەدىكى شىئە مەزھىپىنىڭ ئۆلىماسى مۇھەممەد ئىبنى بەشىر قۇرغان. بۇ مەزھەپ شىئە مەزھىپىنىڭ يەتتىنچى ئىمامى مۇسا كازىم (؟ - 799) نىڭ تۇتقۇن قىلىنمىغانلىقىغا، ئۆلمىگەنلىكىگە، بەلكى <غايىبلىق> ئىچىدە تۇرۇۋاتقانلىقىغا، ئىبنى بەشىرنى ۋەكىل قىلغانلىقىغا، مۇسا كازىمنىڭ مەھدى سۈپىتى بىلەن كىشىلەر ئارىسىغا كېلىدىغانلىقىغا ئىشىنىدۇ. ئىبنى بەشىر بۇ مەزھەپنىڭ ئىمامى ھېسابلىنىدۇ. ئۇنىڭ ئورنىغا ئەۋلادلىرى ۋارىسلىق قىلىپ، ئىماملىق ئەۋلادمۇ - ئەۋلاد داۋاملىشىدۇ، دەپ قارايدۇ. كۈندە بەش ۋاق ناماز ئوقۇش ۋە روزا تۇتۇشتىن ئىبارەت دىنىي مەجبۇرىيەتنى ئادا قىلىدۇ. باشقا مۇراسىم - قائىدىلەرنى ئىنكار قىلىدۇ. رىۋايەت قىلىنىشىچە، بۇ مەزھەپ روھنىڭ تەندىن تەنگە كۆچۈشى توغرىسىدىكى تەلىماتقا ئىشىنىپ، دۇنيادا بىرلا ئىمام بولىدۇ، ئىمام ۋاپات بولغاندىن كېيىن، ئۇنىڭ روھىي تېنىدىن ئايرىلىپ، كېيىن ئىمام بولغان ئادەمنىڭ تېنىگە كۆچىدۇ، دەپ قارايدۇ. ئاللانىڭ ھوقۇقىنى ئاللانىڭ ئەمرىنى قوبۇل قىلغان پەيغەمبەرنىڭ ئىجرا قىلىدىغانلىقىغا ئىشىنىدۇ ۋە ئىجتىمائىي مال - مۈلۈكنىڭ ئومۇم ئىگىدارچىلىقىدا بولۇشنى تەشەببۇس قىلىدۇ.