UyghurMain Dictionary
بەش پەرز
بىئولوگىيە
بەش ئەركان، ئەل ئەركان ئەل خەمسەمۇ دېيىلىدۇ. <پەرز> دېگەن سۆزنىڭ مەنىسى <ئاساس>، <ئۇل>، <تۈۋرۈك> دېگەنلىك بولىدۇ. ئۇ ئىسلام دىنىدىكى بەش ئاساسىي ئەمەلىي پەرزنىڭ ئومۇمىي ئاتىلىشىدىن ئىبارەت. بەش پەرز ئىمان ئېيتىش، ناماز ئوقۇش، روزا تۇتۇش، زاكات بېرىش، ھەج قىلىش قاتارلىقلارنى ئۆز ئىچىگە ئالىدۇ، بۇ مۇسۇلمانلار ئادا قىلىش زۆرۈر بولغان دىنىي مەجبۇرىيەتلەردۇر. <سەھىسۇل بۇخارى> دا <ئىسلام دىنى بەش ئىشنى تۈۋرۈك قىلىدۇ> دېيىلگەندە بەش پەرز كۆزدە تۇتۇلغان. بەزى ئەسەرلەردە ئالتە پەرز بولۇشى (جىھادنى ئۆز ئىچىگە ئېلىشى) كېرەك، دېيىلگەن.