UyghurMain Dictionary
بەش يۈز كىشىلىك يىغىن
دۇنيا تارىخى
قەدىمكى ئافىنا دۆلىتىنىڭ ئالىي مەمۇرىي ئورگىنى، مىلادىدىن ئىلگىرى Ⅵ ئەسىرنىڭ ئاخىرىدا كىلېيىستىن ھاكىمىيەت يۈرگۈزىۋاتقان مەزگىلىدەبارلىققا كەلگەن. يېڭىدىن بېكىتىلگەن ئون قەبىلە چەك تاشلاش ئۇسۇلى ئارقىلىق ئوتتۇز ياشقا تولغان گراژدانلاردىن ھەرقايسىسى 50 تىن ۋەكىل سايلاپ تەشكىللىنىپ، بۇرۇنقى <تۆتيۈزكىشلىك يىغىن>(سولۇن دەۋرىدە تەسىس قىلىنغان)نىڭ ئورنىغا ئالماشقان. مىلادىدىن ئىلگىرى Ⅴ ئەسىرنىڭ ئوتتۇرلىرىدىكى پىرىكلېسدەۋرىدە، گراژدانلار قۇرۇلتىيىغا يىغىن كۈن تەرتىپى تەييارلاش ھەمدە ئۇنىڭ قارارلىرىنى ئىجرا قىلىشتىن باشقا دائىمىي خاراكتىرلىك مالىيە، ھەربىي ئىشلار، دىپلوماتىيە ئىشلىرى قاتارلىقلارنى بىر تەرەپ قىلىشتىن ئىبارەت ئالىي ھوقوققا ئىگە بولغان؛ چەت ئەللەرگە قارىتا دۆلەتكە ۋەكىل بولۇپ، چەت ئەل ئەلچىلىرىنى قوبۇل قىلغان، ئەمەلىيەتتە ئافىنا ھۆكۈمىتىگە باراۋەر تۇرغان. ئادەتتە قەبىلىلەر بويىچە ئون گۇرۇپپىغا بۆلۈنۈپ، <رەئىس ھەيئىتى> دەپ ئاتالغان. ھەربىر <رەئىس ھەيئىتى> نىڭ ۋەزىپە ئۆتەش مۇددىتى بىر يىلنىڭ ئوندىن بىرى قىلىپ بېكىتىلگەن. <بەش يۈز كىشلىك يىغىن> ئافىنا دېموكراتىك ھاكىمىيەت تۈزۈمىنىڭ مۇھىم تەركىبىي قىسمى ھېسابلىنىدۇ.