UyghurMain Dictionary
بەس
ئاھاڭداش سۆزلەر
ئىسىم.
تالاش - تارتىش، بەس - مۇنازىرە، رىقابەت.
بەس تالاشماق، بەس كەلمەك، بەس قىلماق، بەس سالماق، بەس - بەس، بەسلەشمەك. * بەس پىكىرنى ئاچىدۇ، ھەقنى تاپىدۇ (ماقال).
ئاھاڭداش سۆزلەر
ئۈندەش سۆز.
بولدى قىل، كۇپايە، يېتەرلىك بولدى، توختات مەنىلىرىنى بېرىدۇ.
بەس! بۇ گەپنى ئەمدى قويۇڭ! بەس قىلىڭ!
ئىلىمنى ئوغرى ئالالماس، بەس.
ئىلىمنى ئەجەلمۇ ئېلىپ كېتەلمەس.
چاغاتاي دەۋرى ئۇيغۇر سۆزلۈكلىرى
پارىسچە
كۇپايە، يېتەرلىك.
كۆپ، غايەت؛ دېمەك، بولدى؛ چۈنكى:
يېتىلۇر بەس لەتىف ئەنۋائى نېئمەت،
كېلىپ قىلسا بولۇر تۈرلۈك مەئىشەت.
لۇتقى.
مەنىداش سۆزلۈكلەر
ئىش - ھەرىكەتنىڭ يېتەرلىك بولغانلىقىنى بىلدۈرىدۇ.
ئادەم پەقەت ھۆسۈن بىلەن گۈزەل ئەمەس، ئادەملىك جەۋھىرى بىلەن گۈزەل، بەس. ئەقىللىققە ئىككى ئېغىز سۆز كۇپايە. بولدى، يېتەرلىك بولدى. بولار ئەمدى، دەيدىغاننى دەپ بولدىڭىز.
مەنىداش سۆزلۈكلەر
مۇخالىپنىڭ پىكىر - قاراشلىرىغا قارىغا ئۆزىنىڭ پىكىر - قاراشلىرىنى قويۇپ، ھەق - ناھەقنى ئېنىقلاش پائالىيىتى.
«دە تالاش» ، «تالاش - تارتىش» ئېغىز تىلىدا كېلىدۇ.
بەس تالاشماق. مانازىرە _ ھەقىقەتنىڭ ئانىسى. پاكىت بەس - مۇنازىرىدىن ئۈستۈن. مۇباھىسە چىرايلىق بولسا، نەتىجە ئوبدان بولىدۇ. مۇجادىلە بىر - بىرىگە يول قويمىغاننىڭ نەتىجىسى. دەتالاش بولسا بولسۇن. ئۇرۇش - تالاش بولمىسۇن، تالاش - تارتىشنىڭ كۆركى - كېلىشىم. زەمبىرەك ئىشقا چۈشكەندە، تىل ئۇرۇشى توختايدۇ.
مەنىداش سۆزلۈكلەر
تەنتەربىيە، ئىلىم - پەن، ھۈنەر - سەنئەتتە ماھارەت كۆرسىتىپ ئۈستۈنلۈك تالىشىش پائالىيىتى.
<بەيگە> ئاساسەن ئات چېپىشقا قارىتىلىدۇ.
2 - نۆۋەتلىك ئاسىيا تەنھەرىكەت يىغىنىدا 27 تۈر بويىچە مۇسابىقە بولدى. ماتېماتىكا بويىچە، ئوتتۇرا مەكتەپ ئوقۇغۇچىلىرى ئارا بەس - مۇسابىقە ئۇيۇشتۇرۇلدى. توي يات بىلەن ياخشى، بەيگە ئات بىلەن.
ئۇيغۇر تىلى ئۇنۋېرسال سۆزلۈكلەر
ئىسىم
ئەرەبچە
بىرەر مەسىلە ھەققىدىكى تالاش - تارتىش ؛ رىقابەت، مۇنازىرە.
بەس تالاشماق. بەس قىلماق .
بىر- بىرىگە نىسبەتەن ھەر كىم پىكىرىدە تۇرۇش، ئۆز پىكىرىنى باراۋەر،ئوخشاش ئورۇنغا قويۇش .
بەس كەلمەك .
ئۇيغۇر تىلى ئۇنۋېرسال سۆزلۈكلەر
ئىسىم
پارىسچە
<>بولدى ، يېتەر، يېتەرلىك : قوي ، توختات<> مەنىسىدىكى ئۈندەش رولىدا كېلىدۇ .
-بەس! بولدى، بۇ يەر قالايمىقان تاكاللىشىدىغان ئورۇن ئەمەس! - دېدى سودىيە قۇلان ئۇلارنى ئاگاھلاندۇرۇپ .