ئۇيغۇر تىلى ئۇنۋېرسال سۆزلۈكلەر
سۈپەت
پارىسچە
يېزت. زور كۈچ - قۇۋۋەتكە تولغان.
جوتو - كەتمەنلەر بەرجەس مۈرىلەردە پارقىرايتتى.
ساغلام؛ روھلۇق؛ تېتىك.
بۇ ئۇنىڭ ئاپەتلىك يىللاردىمۇ ئۆزىنى تاشلىۋەتمەي، روھسىزلانماي، بەرجەس تۇرغانلىقىدىن بېشارەت بېرەتتى.
سالماق، تەمكىن، مەزمۇت.
ئالىم يېشى 50 تىن ئېشىپ قالغىنىغا قارىماي، ياشلار ئارىسىدا بەرجەس قەدەم تاشلاپ كېتىۋاتاتتى.