UyghurMain Dictionary
بەراھىنى ئەھمەدىيە
ئىسلام ئاتالغۇلىرى
بۇ ئەرەبچە ئەھمەدىيە مەزھىپىنىڭ ئەڭ مۇھىم ئەسەرلىرىنىڭ بىرى بولۇپ ھېسابلىنىدۇ. ئۇنى بۇ مەزھەپنى قۇرغۇچى مىرزا غۇلام ئەھمەد يازغان. جەمئىي تۆت جىلد بولۇپ، 1880 - يىلىدىن 1884 - يىلىغىچە پۈتكۈزۈلگەن. بۇ كىتابتا ئارىلاشمىچىلىق ئەقىدىسى ئوتتۇرىغا قويۇلغان. كىتابنىڭ 1 - جىلدى (1880 - يىلدىكى نەشرى) دە مۇئەللىپ ئۆزىنى ئىمام مەھدى، ئىيسا، كىرشە (ھىندى دىنى چوقۇنىدىغان ئالەم ئىلاھلىرىنىڭ بىرى، ئىلاھ ۋىنشۇنىڭ ئۆزگەرمە گەۋدىسى) نىڭ نامايەندىسى دەپ ئاتىدى. ئۇنىڭ كېلىشى <ئىنسان ئۇزۇندىن ئارزۇ قىلىپ كېلىۋاتقان بىرلىككە كەلگەن دىننىڭ ئالتۇن دەۋرى> نى ئاخىر ئاچىدۇ، دېدى. 1889 - يىلى مۇرتلارنىڭ ئۆزىگە بويسۇنۇشىنى رەسمىي تەلەپ قىلدى.