Chinese→UyghurMain Dictionary
本笃会
دىن
běn dǔ huì
基
خىرىستيان دىنى
بېنېدىك ئوردېرى
ئۇنىۋېرسال
běn dǔ huì
بېنېدىكتىن دىنىي جەمئىيىتى
دۇنيا تارىخى
بېنېدىكتۇس جەمئىيىتى
كاتولىك دىنىنىڭ ئەڭ بۇرۇنقى روھانىي جەمئىيەتلىرىنىڭ بىرى. ئىتالىيىلىك موناخ بېنېدىكتۇس قۇرغان. تەخمىنەن مىلادى 529-يىلى، بېنېدىكتۇس رىم شەھىرىنىڭ غەربىي جەنۇبىدىكى كاسسىنو تېغىدا بىر مۇناستىر ياساتقان ھەمدە بىر يۈرۈش قائىدە - نىزام تۈزۈپ چىقىپ، جەمئىيەت ئەزالىرىدىن قانائەتچان، ئىتائەتچان بولۇشنى، ھەر كۈنى يەتتە قېتىم تىلاۋەت قىلىش، يىل بويى جىسمانىي ۋە ئەقلىي ئەمگەك بىلەن شۇغۇللىنىشنى تەلەپ قىلغان. كېيىن بېنېدىكتۇس جەمئىيىتى ھەرقايسى جايلاردا كۆپلىگەن يەر - زېمىن مۈلكىگە ئىگە بولۇپ، ئۆزىگە قاراشلىق يانچىلارنى ئېكسپىلاتاتسىيە قىلغان. Ⅹ ئەسىردىن Ⅺ ئەسىرگىچە ناھايىتى كۈچەيگەن. ⅩⅢ ئەسىرنىڭ باشلىرىدىن باشلاپ فرانكسكو جەمئىيىتى ۋە دومىنگو جەمئىيەتلىرىنىڭ قۇرۇلۇشىغا ئەگىشىپ، ئاجىزلىشىشقا باشلىغان. بىر تۈركۈم مۇئەييەن تارىخىي ماتېرىيال قىممىتىگە ئىگە بولغان قەدىمكى كىتاب قول يازمىلىرىنى ساقلاپ ۋە رەتلەپ نەشر قىلغان. 1909-يىلى جۇڭگوغا تارقالغان.