UyghurMain Dictionary
بەنچاۋ خانىقاسى
ئىسلام ئاتالغۇلىرى
بۇ جۇڭگودىكى ئىسلام دىنى جەھرىيە بەنچاۋ سۈلۈكىنىڭ خانىقاسى بولۇپ، ئورنى نىڭشا خۇيزۇ ئاپتونوم رايونىنىڭ ۋۇجۇڭ شەھىرىدىكى جىنجىباۋ بەنچاۋدا. بۇ خانىقانىڭ قۇرۇلۇشى ماجىڭشى ( 1867 _ 1940 ) ئىمام بولغاندا باشلانغان. 1943 _ يىلى قايتا سېلىنغان. ئىمام ماتىڭئەينىڭ دىنىي پائالىيەت مەركىزى بولغان. خانىقانىڭ تۈۋرۈك، تورۇسلىرى قوغۇن، پىدىگەن، كاۋا، بۇغداي باشىقى قاتارلقلارنىڭ سۈرىتى بىلەن بېزەلگەن. گۈمبەزدە ماجىڭشى ئەر _ خۇتۇننىڭ مەقبەرىسى پۈتۈنلەي خىش بىلەن ياسالغان بولۇپ، چىرايلىق ئويمىلار ئىشلەنگەن.