UyghurMain Dictionary
بەلگۈردى
تۈركىي تىللار دىۋانى سۆزلۈكلىرى
بەلگىلىك بولدى، ئاشكارا بولدى، مەلۇم بولدى.
ئىش بەلگۈردى _ ئىش بەلگىلىك بولدى. باشقىلاردىمۇ شۇنداق. ماقالدا مۇنداق كەلگەن: كۈز كەلىگى يازىن بەلگۈرەر _ كۈزنىڭ (قانداق) كېلىشى يازدىن مەلۇم بولىدۇ. بۇ ماقال ئىشنىڭ ئاخىرى بېشىدىلا مەلۇم بولىدىغانلىقى ھەققىدە ئېيتىلىدۇ. شېئىردا مۇنداق كەلگەن:
كىزلەپ تۇتار سەۋۈكلۈك ئازرىش كۈنى بەلگۈرەر
باشلىغ كۆزۈگ ياپساما ياشى ئانىڭ ساۋرۇقار