UyghurMain Dictionary
بەل
ئاھاڭداش سۆزلەر
ئىسىم.
1 . گەۋدىنىڭ كۆكرەك قاپقىسى بىلەن داس سۆڭەك ئۈستىدىكى ئارىلىقى، بەندە قورساقنىڭ ئەكس تەرىپى.
بەلباغ، بەل باغلىماق، بەل ئەگمەك، بەل تۇتۇشماق، بەل چىم بولۇپ كەتمەك. * ئەلگە كىرسەڭ ئېلىڭچە، سۇغا كىرسەڭ بېلىڭچە (ماقال). بېگىڭگە يەتكۈچى، بېلىڭنى ئوشۇتاي (ماقال).
2 . نەرسىنىڭ ئوتتۇرىسى، ئوتتۇرا قىسمى. ياغاچنى بېلىدىن كەس. * گەپنىڭ بېلىگە تەپمەك.
3 . لوككاسىمان تۆپىلىك. بەلدىن ئۆتكۈچە ماشىنا خېلى «غىڭىلدىدى».
ئاھاڭداش سۆزلەر
ئىسىم.
كۈرەكنىڭ بىر تۈرى. «بەل كۈرەك» دەپمۇ ئاتىلىدۇ.
چاغاتاي دەۋرى ئۇيغۇر سۆزلۈكلىرى
ئەرەبچە
بەلكى، ئېھتىمال:
ئەكسىچە:
1. ماڭا ھەم كەبابىنى قىلدى كەرەم،
ياڭى جان كىرىپ بەل كېتىپ ئەسلى غەم.
ئا. نىزارى.
2. يوقسا يول بىر كۈن ئىككى كۈنلۈك ئەمەس،
بەل كىشى پايانىخە يەتتۈك دېمەس.
نەۋايى.
كلاسسىك ئەدەبىيات سۆزلۈكلىرى
ئەرەبچە
بەلكى، لېكىن.
ئۇيغۇر تىلى ئۇنۋېرسال سۆزلۈكلەر
ئىسىم
ئەنجان تېمى سېلىشتا تامغا لاي ئېتىپ بېرىشكە ئىشلىتىدىغان ئۇزۇن ياغا ساپلىق تۆمۈر سايمان، يۈزى ئادەمنىڭ ئىككى ئالىقىنىدەك چوڭلۇقتا بولىدۇ.
ئۇيغۇر تىلى ئۇنۋېرسال سۆزلۈكلەر
ئىسىم
<ئانات> ئارقا ئومۇرتقىنىڭ تۆۋەنكى قىسمى ؛ گەۋدىنىڭ كۆكرەك قاپقىسى بىلەن داس سۆڭەك ئۈستىدىكى ئارىلىقى.
بىرەر نەرسىنىڭ ئوتتۇرا قىسىمى، تەڭ ئوتتۇرىدىن بۆلۈنگەن جايى .
ياغاچنىڭ بېلىدىن كەسمەك .