Chinese→UyghurMain Dictionary
被子植物亚门
بىئولوگىيە
يېپىق ئۇرۇقلۇق ئۆسۈملۈكلەر كەنجى تىپى
ئۇرۇقلۇق ئۆسۈملۈكلەر ئىچىدىكى نىسبەتەن تەرەققىي قىلغان كەنجى تىپ بولۇپ، ھازىرقى زامان ئۆسۈملۈكلەر دۇنياسىدا ئەڭ يۇقىرى دەرىجىلىك، ئەڭ ئاينىغان، ئەڭ كەڭ تارقالغان بىر تۈركۈم، يېپىق ئۇرۇقلۇق ئۆسۈملۈكلەرنىڭ ھەقىقىي گۈلى بولىدۇ، تۆرەلمە تۈگۈنىنى ئۇرۇقدان ئوراپ تۇرىدۇ؛ سپوروفىتى يۇقىرى دەرىجىدە تەرەققىي قىلىدۇ، گامېتوفىتى يەنىمۇ ئىلگىرىلىگەن ھالدا ئاددىيلىشىدۇ، تۆرەلمە سۈتى ئۇرۇقلانغاندىن كېيىن ھاسىل بولىدۇ. گۈل چېڭى تۆرەلمە تۈگۈنى بىلەن بىۋاسىتە قوشۇلماي، ئانىلىق ئاغزىدا توختايدۇ، ئۇرۇقدان بىخلانغاندىن كېيىن داۋاملىق يېتىلىپ مېۋىنى ھاسىل قىلىدۇ، ئۇرۇقى مېۋىسىنىڭ ئىچىگە يوشۇرۇنۇپ تۇرىدۇ، شۇڭا يېپىق ئۇرۇقلۇق ئۆسۈملۈكلەر دەپ ئاتىلىدۇ. يېپىق ئۇرۇقلۇق ئۆسۈملۈكلەر ئوتتۇرا ھايات دەۋرىنىڭ ئاخىرقى مەزگىلىدە زور مىقداردا ھاسىل بولۇشقا باشلىغان، ھازىر پۈتۈن دۇنياغا كەڭ تارقالدى. ئۇنىڭ تۈرى ئىنتايىن كۆپ بولۇپ، 300 مىڭ خىلغا يېتىدۇ، يېپىق ئۇرۇقلۇق ئۆسۈملۈكلەرنىڭ ئىقتىسادىي قىممىتى ئىنتايىن زور. بۇ تۈركۈم يەنە قوش پەللىلىك ئۆسۈملۈكلەر سىنىپى بىلەن يەككە پەللىلىك ئۆسۈملۈكلەر سىنىپىغا بۆلۈنىدۇ.