Chinese→UyghurMain Dictionary
贝宁王国
دۇنيا تارىخى
بېنىن پادىشاھلىقى
ئافرىقىنىڭ غەربىدىكى قەدىمكى دۆلەت. ئۇنىڭ تارىخىنى مىلادى Ⅸ ئەسىرگىچە سۈرۈشتە قىلغىلى بولىدۇ. ئېيتىشلارغا قارىغاندا، 31 پادىشاھ ئۆتكەندىن كېيىن، 1170 - يىلى ئېفېنىڭ ھۆكۈمرانلىقىنى قوبۇل قىلىپ، دەسلەپكى پادىشاھلىقنى قۇرغان. مىس ئويمىچىلىق سەنئىتى بىلەن مەشھۇر. ئىمپېراتور ئېۋارې تەختتىكى مەزگىل (تەخمىنەن 1440 - 1473) دە ئومميۈزلۈك گۈللەنگەن. گۋىنېيە قولتۇقى رايونىدا پىل چىشى، قارىمۇچ، رەخت ۋە مېتال بۇيۇملارنى ئىشلەپ چىقىرىش ھەمدە قۇل سودىسى قىلىشنىڭ مەركىزى بولغان. ⅪⅤ ئەسىردە ئىسىگىئې تەختتىكى مەزگىل (تەخمىنەن 1504 - 1550) دە، زېمىنى داۋاملىق كېڭىيىپ، لائۇستىن نېگىر دەرياسى دېلتسىغىچە بولغان كەڭ رايوننى كونترول قىلغان. كېيىن قۇل ئوۋلاش ئۇرۇشلىرى ۋە ئويو پادىشاھلىقىنىڭ گۈللىنىشى بىلەن، بارا - بارا ئاجىزلىشىپ كەتكەن. 1897-يىلى ئەنگلىيە مۇستەملىكىچىلىرى تەرىپىدىن يوقىتىلغان.