UyghurMain Dictionary
بەھر
ئاھاڭداش سۆزلەر
ئىسىم.
(كونىرىغان سۆز). دېڭىز - ئوكيان.
بەھر مۇھىت كەبىر - ئۇلۇغ ئوكيان.
ئاھاڭداش سۆزلەر
ئىسىم.
شېئىرىيەتتىكى ئارۇز ۋەزنىنىڭ 19 بەھرنىڭ ھەر بىرى. «قۇتادغۇبىلىك» مەسنىۋى شەكلىدە ئارۇز ۋەزنىنىڭ مۇتەقارىب بەھرىدە يېزىلغان.
كلاسسىك ئەدەبىيات سۆزلۈكلىرى
ئەرەبچە
ئۈلۈش، ھەسسە؛ پايدا، ئۈنۈم؛ چىرايلىق.
مەنىداش سۆزلۈكلەر
يەر شارىنى ئوراپ تۇرغان سۇلۇق يەرلەر.
دېڭىز چاڭدىن قورقماس. دېڭىز قۇرۇماس، خەلق تېنىمەس. چېلەكلەپ تۆكسەكمۇ، ئوكياننىڭ سۈيى تۈگىمەس. بەزى چوڭ كۆللەرمۇ دېڭىز دەپ ئاتىلىدۇ. مەسىلەن، كاسپىي دېڭىزى. «ئۇلۇغ ئوكيان» بۇرۇنلاردا «بەھر مۇھىت كەبىر» دەپ ئاتىلاتتى. دېڭىز - ئوكيانلار يەر شارى سەتھىنىڭ ئوندىن يەتتىسىنى تەشكىل قىلىدۇ؛ ئۇلۇغ ئوكيان، ھىندى ئوكيان، ئاتلانتىك ئوكيان، شىمالىي مۇز ئوكيان دېگەن تۆت قىسىمغا بۆلىنىدۇ.
قارشى مەنىلىك سۆزلەر
ئىش - ئوقەتتىن ھاسىل قىلىنغان ئۈنۈم، پايدا ئالماق
زىيان، زەرەر
ئىش - ئوقەتتىن ھاسىل بولغان يوقىتىش. زىيان تارتماق
پايدا تاتلىق، زىيان ئاچچىق. كەمبەغەلنىڭ ھايىنى يوق، تاپقان پۇلىنى تايىنى. يەرگە قىغ بەرسەڭ، يەر ساڭا نەپ بېرىدۇ. يانچۇققا زىيان، ئەقىلگە پايدا. زەرەر زەھەردىن ئاچچىق. ھايان ماڭا، زىيان ساڭا. ياخشى ئىشتا بەھر كۆپ. ياخشى ئىشتىن بەھر ئال. كۆپچىلىككە مەنپەئەت يەتكۈز، كۆپچىلىكتىن مەنپەئەت ئال. دوستقا ئاداۋەت - دۈشمەنگە تاپاۋەت.
ئۇيغۇر تىلى ئۇنۋېرسال سۆزلۈكلەر
ئىسىم
ئەرەبچە
ئەدەبىيات
ئۇيغۇر شېئىرىيىتىدىكى ئارۇز ۋەزنىنىڭ ھەربىر تۈرى