UyghurMain Dictionary
بەھمەنى خاندانلىقى
ئىسلام ئاتالغۇلىرى
(1347 - 1538) ھىندىستاننىڭ ئوتتۇرا قىسىمىدىكى ئىسلام دۆلىتى كۆزدە تۇتۇلىدۇ. بۇ خاندانلىقنى تۇغلۇق سۇلالىسىنىڭ سانغۇنى ئافغان ھەسەن گەنگۇ زەفەرخان (؟ - 1358) قۇردى. بۇ كىشى پرسىيە ئوردىسىدىكى بەھمەن بىننى ئىسفاندىيارنىڭ ئەۋلادى بولغاچقا، خاندانلىق نامى بەھمەنى خاندانلىقى دەپ ئاتالدى. مۇستەقىل بولغاندىن كېيىن ئەلاھىدىن بەھمەن شاھ، دەپ ئاتالدى. گۇلبارگىنى پايتەخت قىلدى. پايتەختنى 4142 - يىلى بىدارغا يۆتكىدى. ھىندى پادىشاھى ۋىجاياناگار بىلەن ئۇزۇن مۇددەت جەڭ قىلدى. خانلىق گۈللەنگەندە زېمىنى ھىندىستاننىڭ ئوتتۇرا قىسىمىدىن ھالقىپ، شەرق ۋە غەرب تەرەپدارلىرى دېڭىزغا يەتتى. كېيىن ئىچكى نىزا تۈپەيلىدىن ئاجىزلىشىپ كەتتى. بۇ خاندانلىق يوقالغاندىن كېيىن، كىچىك بەش مۇسۇلمان دۆلىتى بولۇپ شەكىللەندى.