Uyghur←ChineseMain Dictionary
بەھمەنىيلەر خاندانلىقى
دۇنيا تارىخى
巴赫马尼王朝
bā hè mǎ ní wáng cháo
ئوتتۇرا ئەسىردە ھىندىستاننىڭ ئوتتۇرا قىسمىدا قۇرۇلغان ئىسلام بەگلىكى. 1347-يىلى ئافغانلار (يەنە بىر رىۋايەتتە تۈركلەر دېيىلىدۇ) دىن ھاسان قۇرغان. ئۇ ئۆز ئەجدادىنى ئىران پادىشاھى بەھمەن دەۋالغاچقا شۇنداق دەپ ئاتالغان. پايتەختى دەسلەپتە گۇلبارگادا بولۇپ، 1424-يىلى بىدارغا يۆتكىگەن. ئۇزۇن مۇددەت ۋىژاياناگار بەگلىكى بىلەن قارشىلاشقان. خاندانلىق گۈللەنگەن ۋاقىتتا زېمىنى ھىندىستاننىڭ ئوتتۇرا قىسمىنى كېسى ئۆتۈپ، شەرق ۋە غەربتە دېڭىزغا تۇتاشقان. كېيىن ئاجرلىشىپ، ئاستا - ئاستا كىچىك بەش شتاتقا بۆلۈنۈپ كەتكەن 1526-يىلى يوقالغان.