UyghurMain Dictionary
بەھائىي شەيخلار ھەيئىتى
ئىسلام ئاتالغۇلىرى
بۇ بەھائىيە مەزھىپىنىڭ دىنىي ئىشلىرىنى باشقۇرىدىغان رەھبەرلىك ئورگىنى بولۇپ، ⅩⅪ ئەسىرنىڭ ئاخىرلىرى بۇ مەزھەپنى بارلىققا كەلتۈرگۈچى بەھائۇللاھ (1817 - 1892) قۇرغان، ئۇنىڭ خەلقئارالىق شەيخلار ئالىي ھەيئىتىنىڭ باش ئورگىنى پەلەستىننىڭ ئاق شەھىرىدە. ئۇنىڭ ۋەزىپىسى دىنغا دەۋەت قىلىش، شەرىئەت تۈزۈش، كىتاب - گېزىت چىقىرىش، مائارىپ ۋە ئىجتىمائىي خەير - ساخاۋەت ئىشلىرىنى ئېلىپ بېرىشتىن ئىبارەت. ⅩⅩ ئەسىرنىڭ 30 - يىللىرىدا بەھائىيەنىڭ دۇنيادا كەڭ تارقىلىشىغا ئەگىشىپ، شەيخلار ھەيئىتى مۇنداق ئۈچ دەرىجىگە ئايرىلدى: (1) خەلقئارالىق شەيخلار ئالىي ھەيئىتى. بۇ مەزھەپنىڭ ئالىي رەھبەرلىك ۋە ھوقۇقلۇق ئورگىنى بولۇپ، توققۇز كىشىدىن تەركىب تاپقان. ئۇ ھەر قايسى دۆلەتلەردىكى شەيخلار ھەيئىتىنىڭ سايلىشى ئارقىلىق بارلىققا كېلىدۇ. شەيخلار ھەيئىتى ئەزالىرىنىڭ ھوقۇقىنى ئاللا تاپشۇرغان. ئۇلار مۇتلەق قارار قىلىش ۋە ھۆكۈم چىقىرىش ھوقۇقىغا ئىگە دەپ ئېلان قىلدى. بۇ ھەيئەتكە بەھائىيەنىڭ داھىيىسى (باش تەپتىش) رەھبەرلىك قىلىدۇ. شەرىئەت تۈزىدۇ. ھەر قايسى دۆلەتلەردىكى شەيخلار ھەيئىتىنى ۋەزىپىگە تەيىنلەيدۇ، خەلقئارا دىنىي ئىشلارنى ئىدار قىلىدۇ. (2) دۆلەت دەرىجىلىك شەيخلار ھەيئىتى. شۇ دۆلەتتىكى يەرلىك شەيخلار ھەيئىتى تەرىپىدىن سايلاپ بارلىققا كەلتۈرۈلىدۇ. توققۇز ئادەمدىن تەركىب تاپىدۇ. يەرلىكنىڭ دىنىي پائالىيەتلىرىگە رەھبەرلىك قىلىدۇ ۋە دىنىي پائالىيەتلەرنى ماسلاشتۇرىدۇ. ⅩⅩ ئەسىرنىڭ 80 - يىللىرى بۇنداق يەرلىك شەيخلار ھەيئىتى 130 غا يەتتى. (3) يەرلىك شەيخلار ھەيئىتى. بەھائىيەنىڭ توققۇز ياكى توققۇزدىن ئارتۇق ئادىمى بار يەردە يەرلىك شەيخلار ھەيئىتى قۇرۇش بەلگىلىنىپ، ئاممىۋى دىنىي تەشكىلات قىلىندى. 80 - يىللاردا يەرلىك شەيخلار ھەيئىتى 26 مىڭ ئەتراپىغا يەتتى. خەلقئارا شەيخلار ئالىي ھەيئىتى ھەر قايسى دۆلەتلەردىكى شەيخلار ھەيئىتىگە بىۋاستە رەھبەرلىك قىلىدۇ. ھەر دەرىجىلىك شەيخلار ھەيئىتى يەرلىكنىڭ دىنىي ئىشلىرىنى مۇستەقىل ئىدارە قىلىش ھوقۇقىغا ئىگە. ھەر دەرىجىلىك شەيخلار ھەيئىتى ھەر يىلى لىدۋان بايرىمى مەزگىلىدە (4 - ئاينىڭ 21 - كۈنىدىن 5 - ئاينىڭ 2 - كۈنىگىچە) سايلاپ بارلىققا كەلتۈرۈلىدۇ. 1892 - يىلى بەھائۇللاھ ۋاپات بولغاندىن كېيىن، خەلقئارا شەيخلار ئالىي ھەيئىتىنىڭ رەھبەرلىك ھوقۇقىنى ئۇنىڭ ئوغلى ئابدۇ بەھا (1844 - 1921) ۋە نەۋرىسى (قىزىنىڭ ئوغلى) شەۋقى ئېففىندى رەببانى (1877 - 1957) ئۈستىگە ئالدى. شەۋقى ئېففىندى رەببانى 1957 - يىلى ۋاپات بولغاندنن كېيىن، دىنىي ھوقۇققا ۋارىسلىق قىلىش كېيىنكىلەرگە ئۆتكۈزۈپ بېرىلمەيدىغان بولدى. 1963 - يىلىدىن باشلاپ بۇ مەزھەپنىڭ دۇنيا دائىرىسىدىكى رەھبەرلىك ھوقۇقىنى ھەر قايسى دۆلەتلەردىكى شەيخلار ھەيئىتى سايلاپ چىققان شەيخلار ئالىي ھەيئىتى ئىجرا قىلدى. ئۇنىڭ خىراجىتىنى خەلقئارا شەيخلار ھەيئىتى ئۆزىگە قاراشلىق كارخانىلار ۋە پۇل مۇئامىلە ئورگانلىرىدىن تەمىنلىدى. ھەر قايسى دۆلەتلەردىكى ۋە يەرلىكتىكى شەيخلار ھەيئىتىنىڭ خىراجىتىنى مۇخلىسلىرى ئىختىيارى يوسۇندا سوۋغا قىلىپ تۇردى. خەلقئارا شەيخلار ھەيئىتىنىڭ باش ئاپپاراتىدا دىنىي تەشۋىقات، تەشكىلات، ئاخبارات - نەشرىيات، رادىئو ئىستانسىسى ۋە خەير - ساخاۋەت قاتارلىق ئورگانلار تەسىس قىلىندى. ھەر قايسى دۆلەتلەردىكى مۇخلىسلىرىغا دىنىي تەبلىغات كىتابلىرىنى ۋە گېزىت - ژۇرناللىرىنى ھەقسىز تارقىتىپ بەردى. 40 نەچچە دۆلەت ۋە رايوندا دىنىي تەبلىغات مەركەزلىرىنى قۇردى.