Uyghur←ChineseMain Dictionary
بەگلىك بېگى
دۇنيا تارىخى
国司
guó sī
ياپونىيە تايۋا خاندانلىقىنىڭ تېرىلغۇ يەرلەرنى باشقۇرۇش ئۈچۈن ئەۋەتكەن ئەمەلدار. تايكا يېڭىلىقى دەۋرىدە كونا ئاقسۆڭەكلەرنى نازارەت قىلىش ئۈچۈن، مەركەزدىكى ئاقسۆڭەكلەر ئىچىدىن ھەرقايسى بەگلىك (ناھىيەگە توغرا كىلىدۇ) لەردە دائىم تۇرۇشقا تاللاپ ئەۋەتىلگەن ئەمەلدارلار. تايخو پەرمانى بويىچە بەگلىكلەر چوڭ، يۇقىرى، ئوتتۇرا، تۆۋەن دەپ تۆت دەرىجىگە ئايرىلغان، بەگلىك بېگىمۇ شۇنىڭغا مۇناسىپ ھالدا چوڭ، يۇقىرى، ئوتتۇرا، تۆۋەن دەپ تۆت دەرىجىگە ئايرىلغان. ۋەزىپە ئۆتەش مۇددىتى دەسلەپتە ئالتە يىل بولغان، كېيىن تۆت يىلغان ئۆزگەرتىلگەن. ۋەزىپە ھەم يەر بۆلۈپ بېرىلگەن. Ⅶ ئەسىرنىڭ كېيىنكى يېرىمىدىن باشلاپ پۈتۈن مەملىكەتتە ئومۇميۈزلۈك تەسىس قىلىنغان. پەرمان تۈزۈمىنىڭ پەسكارىغا چۈشۈپ قېلىشىغا ئەگىشىپ، ئىمتىيازلىق بەگلىك بېگى، شتات سىرتىدىكى بەگلىك بېگى ۋە يىراق جايلاردىكى بەگلىك بېگى مەيدانغا كەلگەن. خېيئان دەۋرىگە كەلگەندە يىراق جايلاردىكى بەگلىك تېخىمۇ كۆپەيگەن. كاماكۇرا دەۋرىدە ياساۋۇل بېگى ۋە يەر خوجىسى (زېمىندار) تەسىس قىلىنغان، بەگلىك بېگىنىڭ قۇرۇق نامىلار قېپقالغان. مۇروماچى دەۋرىدە بەگلىك بېگى ياساۋۇل بېگىگە ئۆزگەرتىلگەن. يېغىلىق دەۋرىدىن كېيىن فېئودال خوجىلار دائىم ئۆزىنى بەگلىك بېگى دەپ ئاتىغان. بەگلىك بېگى تاكى مىيجى يېڭىلىقىغىچە داۋاملاشقان.