Uyghur←ChineseMain Dictionary
بەدەۋىلەر
دىنى سۆزلۈكلەر
贝都因人
bèi dū yīn rén
دۇنيادىكى مىللەتلەر
贝都因人
bèi dū yīn rén
بەدەۋىلەر<ئەل - بەدەۋىلەر>(يايلاق كىشلىرى ياكى چۆل ئوغلى مەنىسىدە)، <بەدۋۇنلار> دەپمۇ ئاتىلىدۇ. بەدەۋىلەر غەربىي ئاسىياۋە شىمالىي ئافرىقا ئەللىرىدە تارقاق ئولتۇراقلاشقان كۆچمەن چارۋىچى مىللەت بولۇپ، ئەرەبلەرنىڭ بىر تارمىقى. مۆلچەرلىنىشىچە، نوپۇسى تەخمىنەن 10 مىليون. بەدەۋىلەر ئەسلىدە ئەرەب يېرىم ئارىلىدا ياشىغۇچى كۆچمەن چارۋىچى خەلق ئىدى، كېيىن كۆچمەن چارۋىچىلىقنىڭ تەرەققىياتىغا ئەگىشىپ، پەيدىنپەي غەربىي ئاسىيا، شىمالىي ئافرىقىنىڭ كەڭ رايونلىرى يەنى مىسىرنىڭ غەربىي چېگرىسىدىن ئىرانغا قەدەر كېڭەيگەن. ھازىر ئۇلار ئاساسەن ئەرەبىستان ،شىمالىي ئافرىقا، سۈرىيە جەزىرىلىرى بىلەن چەت ياقا جايلاردا تارقاق ئولتۇراقلاشقان.
بەدەۋىلەر ياۋروپا ئىرقىنىڭ ھىندى - ئوتتۇرا دېڭىز تىپىغا كىرىدۇ؛سام - ھام تىللىرى سىستېمىسى سام تىللىرى گۇرۇپپىسىغا تەۋە ئەرەب تىلى ۋە ئەرەب يېزىقىنى قوللىنىدۇ.
بەدەۋىلەرنىڭ كۆپىنچىسى ئىسلام دىنىنىڭ سۈننى ۋە ۋاھابىي مەزھىپىگە ئېتىقاد قىلىدۇ.
ئاھالىسىنىڭ كۆپچىلىكى تۆگە باقمىچىلىقىنى ئاساس قىلغان كۆچمەن چارۋىچىلىق بىلەن شۇغۇللىنىدۇ. بىراق Ⅹ[KG-*2]Ⅹ ئەسىرنىڭ باشلىرىدىن تارتىپ ئۇلار ئىچىدىكى بىر قىسىم كىشىلەر پەيدىنپەي ئولتۇراقلىشىپ، دېھقانچىلىق بىلەن شۇغۇللىنىشقا قاراپ يۈزلەندى.
بەدەۋىلەرنىڭ ئولتۇراق جايلىرى ئاساسەن ئۆچكە، قوي تېرىسىدىن تىكىلگەن چېدىر ۋە تاشتىن قوپۇرۇلغان ئاددىي ئۆيلەر بولۇپ، ئىشكى غەربكە قارايدۇ.
بەدەۋىلەر سۈتتىن ئىشلەنگەن يېمەكلىكلەرنى ئاساس، خورما بىلەن ئاشلىقتىن ئىشلەنگەن يېمەكلىكلەرنى قوشۇمچە قىلىدۇ. پەمىل چاي ئىچىشكە ئامراق كېلىدۇ.
بەدەۋىلەرنىڭ ئەرلىرى ئۇچىسىغا ئاق شالۋۇر(كەمزۇل)، كەڭ يەكتەك كېيىپ، بېلىگە خەنجەر ياكى تاپانچا ئېسىۋالىدۇ. ئاياللىرى ئۇچىسىغا كەشتىلىك ئۇزۇن كۆڭلەك، پىلاش كېيىۋالىدۇ، زىننەت بۇيۇملىرى تاقاپ يۈرۈشنى ياخشى كۆرىدۇ.
بەدەۋىلەر ئەنئەنىۋى ئائىلە ۋە نىكاھ كۆز قاىشىنى ھېلىمۇ ساقلاپ كەلگەن بولۇپ، نەۋرىنى - نەۋرىگە چېتىش ھادىسلىرى پات - پات ئۇچراپ تۇرىدۇ. بىر ئەرنىڭ تۆت خوتۇنلۇق بولۇشىغا يول قويىدۇ.
بەدەۋىلەردە ئوغۇل تۇغقان ئاياللار ھۈرمەتكە سازاۋەر بولىدۇ، قىز تۇغقان ئاياللار كەمسىتىلىدۇ.
بەدەۋىلەر رايونىدا يىلدا بىر قېتىم تۆگە بەيگىسى ئېلىپ بېرىلىدۇ. بۇ كۈنلەردە كۆچمەن چارۋىچى بەدەۋىلەر ئۆز تۆگىلىرى ئىچىدىن يۈگۈرۈك تۆگىلەرنى تاللاپ، تەرەپ - تەرەپتىن كېلىپ بۇ بەيگىگە قاتنىشىدۇ ياكى ئۇنى كۆرىدۇ. بەيگە ئاياغلاشقان كېيىن ئۇتۇپ چىققانلارغا مۇكاپات تارقىتىش مۇراسىمى ئۆتكۈزىلىدۇ. خەلق سەنئەتكارلىرى ناخشا - قوشاق ئېيتىشىپ غالىبلارنى مەدھىيلىشىدۇ. بەزى جايلاردا تۆگە سوقۇشتۇرۇش ئارقىلىق ئۆزلىرىنىڭ مەنىۋى تۇرمۇشىنى جانلاندۇرىدۇ.
بەدەۋىلەر ئۆزئارا ئۇچراشقاندا سېغىنىش ۋە دوستلۇقنى بىلدۈرۈش ئۈچۈن، ئەرلىرى بۇرنىنى بۇرنىغا ياكى پىشانىسىنى پىشانىسىگە تەككۈزۈپ، قۇچاقلىشىپ كۆرۈشىدۇ.
بەدەۋىلەر بۈركۈتنى ئالاھىدە ئەتىۋارلايدۇ ۋە ئۇنى ئوۋچىلىق پائالىيەتلىرىدە ئوۋغا سالىدۇ.
بەدەۋىلەر ھەرقانداق ھايۋاننىڭ قېنىنى ئىچمەيدۇ. چوشقا، ئات، ئىشەك قاتارلىق ھايۋانلارنىڭ گۆشىنى ۋە <مەكرو> دەپ قارىغان يېمەكلىكلەرنى يېمەيدۇ.
تارىخ
夷方
yí fāngDئۇنىۋېرسال
贝都因人
bèi dū yīn rén