UyghurMain Dictionary
بەدەن سۇيۇقلۇق ئىممۇنىتېتى
بىئولوگىيە
ئانتىتېلا كەلتۈرۈپ چىقارغان ئالاھىدە خاسلىقى بولغان ئىممۇنىتېت. ئانتىتېلا ئادەتتە بەدەن سۇيۇقلۇقى (مەسىلەن، قان سۇيۇقلۇقى، لىمفا سۇيۇقلۇقى، توقۇلما سۇيۇقلۇقى، شىلىمشىق پەردىلەر ئاجرىتىپ چىقارغان سۇيۇقلۇق) غا تارقىلىدۇ، شۇڭا ئۇ بەدەن سۇيۇقلۇق ئىممۇنىتېتى دەپ ئاتىلىدۇ. B لىمغا ھۈجەيرىسى ئانتىگېننىڭ غىدىقلىشىغا ئۇچرىغاندىن كېيىن پلازما ھۈجەيرىسىگە ئايلىنىپ ئانتىتېلانى ھاسىل قىلىدۇ.