—Reference
بەدىئىي يىغىنچاقلاش
ئەدەبىيات ئاتالغۇلىرى
ئەدەبىيات - سەنئەت ئىجادىيىتىدىكى ئاساسلىق ئۇسۇل بولۇپ ئۇ ئابستراكتلاشتۇرۇشتىن پەرقلىنىدۇ. ئاپتور مۇئەييەن دۇنيا قاراشنىڭ يېتەكچىلىكىدە ئوخشاش بىر خىل كىشىلەرنىڭ ماھىيەتلىك ئالاھىدىلىكلىرىنى يىغىنچاقلاپ، ئۇنى راۋاجلاندۇرىدۇ ۋە چوڭقۇرلاشتۇرىدۇ ھەمدە بۇنى بىر ئادەمنىڭ ئۈستىگە مەركەزلەشتۈرۈپ، ئۇنى مۇكەممەل، روشەن، ۋەكىللىككە ئىگە پېرسوناژ قىلىپ يارىتىدۇ. مانا بۇ بەدىئىي يىغىنچاقلاش دەپ ئاتىلىدۇ. بەدىئىي يىغىنچاقلاشنىڭ مۇۋەپپەقىيەتلىك بولۇش - بولماسلىقى، ئاپتورنىڭ ئىدىيىۋى سەۋىيىسىگە، تۇرمۇش بىلىمىگە ۋە بەدىئىي تەربىيىلنىشىگە باغلىق