UyghurMain Dictionary
بازارلىق
مەنىداش سۆزلۈكلەر
بازاردىن ۋە توي - تۆكۈندىن بالا - چاقلىرىغا ئەكەلگەن نەرسە.
بالىلار بازارلىققا ئامراق. تويماستىن سارقىت ئاشماس. تۆرنى ئالغان ھېساب ئەمەس، زەللە ئالغان ھېساب. موللا سەللىسىگە ئىشىنىدۇ، قۇشناچىم زەللىسىگە.
شىۋىلەر
قەشقەر شىۋىسى
خېرىدارلىق؛ بازاردىن ئېلىپ كەلگەن سوۋغا - سالام. مەسىلەن: بازارلىق مال _ خېرىدارلىق مال؛ مەن سىلەرگە بىر ئاز بازارلىق ئېلىپ كەلدىم.
ئۇيغۇر تىلى ئۇنۋېرسال سۆزلۈكلەر
سۈپ. سېتىش ئۈچۈن تەييارلانغان.
بازارلىق مال.
ئى. سودا - سېتىق.
ئانچە - مۇنچە بازارلىق قىلمىساق تۇرمۇش دېگەندە يەنە بولمايدۇ.
ئى. بازاردىكى ئۆيدىكى بالا - چاقىلارغا ئېلىپ كەلگەن سوۋغا.
ئۇ يېنىشىدا بالىلىرىغا بازارلىق ئېلىۋالدى.
ئى. بازاردا ئولتۇراقلاشقان كىشىلەر.
سەھرالىق دەيدۇ بىزنى ئۆزىنى بىلمەي بازارلىق.
سۈپ. بازار دەرىجىلىك.
بازارلىق ھۆكۈمەت.