Uyghur←ChineseMain Dictionary
بائۇمان
دۇنيا تارىخى
巴乌曼
bā wū màn
(1873 - 1905). روسىيىنىڭ دەسلەپكى ئىنقىلابىي پائالىيەتچىسى. قول ھۈنەرۋەن ئائىلىسىدە تۇغۇلغان. مال دوختۇرلۇق ئىنىستىتۇتىنى پۈتتۈرگەن. ياش ۋاقتىدا قازاندا ئىنقىلابىي ئىشچىلار، ئوقۇغۇچىلار گۇرۇپپىسىنى قۇرغان. 1896-يىلى پېتېربۇرگ <ئىشچىلار ئازادلىق كۈرىشى جەمئىيىتى> گە قاتناشقان. كېيىن چەت ئەلدە لېنىن باشقۇرغان <ئۇچقۇن> گېزىتىگە ھەمكارلاشقان، كۆپ قېتىم دۆلىتىگە مەخپىي ھالدا قايتىپ تەشكىللەش، تەشۋىقات خىزمىتى ئېلىپ بارغان. 1903-يىلى روسىيە سوتسىيال دېموكراتىك ئىشچىلار پارتىيىىسنىڭ ئىككىنچى قېتىملىق ۋەكىللەر يىغىنىغا قاتنىشىپ، لېنىننىڭ ئىنقىلابىي لۇشيەنىنى قەتىئىي ھىمايە قىلغان. شۇ يىلى 12-ئايدا، روسىيە سوتسىيال ئىشچىلار پارتىيىسى مەركىزىي كومىتېتى شىمالىي بيۇروسى ۋە موسكۋا پارتگۇرۇپپىسىغا رەھبەرلىك قىلغان. كۆپ قېتىم قولغا ئېلىنىپ تۈرمىگە تاشلانغان. 1905-يىلى ئۆكتەبردىكى روسىيە بويىچە سىياسىي ئىش تاشلاش مەزگىلىدە قويۇپ بېرىلگەن. كېين موسكۋادا نامايىشقا قوماندانلىق قىلىۋاتقاندا قارا قۇللار گۇرۇھىنىڭ ئادەملىرى تەرىپىدىن ئۆلتۈرۈلگەن.