UyghurMain Dictionary
باخوفىن
دۇنيا تارىخى
(1815-1887). شۋېتسارىيىلىك قانۇنشۇناس، مىللەتشۇناس، بازېل، بېرلىن، ئوكسفورد، كېمبېرىج، پارىژ قاتارلىق ئۇنىۋېرستېتلاردا قانۇن ۋە قانۇنشۇناسلىق تارىخىنى تەتقىق قىلغان ھەم ئۆگەنگەن، بازىل ئۇنىۋېرسىتېتىنىڭ رىم قانۇنى پروفېسسورلۇقىغا تەكلىپ قىلىنغان(1841-1845)ھەمدە بازىل شتاتلىق جىنايى ئىشلار سوتىنىڭ سودىيىسى بولغان(1842-1866). ئۇنىڭ قەدىمكى رىم قانۇنى ۋە يۇناننىڭ قەدىمكى مەدەنىي مىراسلىرى توغرىسىدا كۆپ خىل ئەسەرلىرى بار بولۇپ، <ماترىئارخاللىق ـ قەدىمكى دۇنيادىكى دىن ۋە قانۇن خاراكتىرىگە ئاساسلىنىپ قەدىمكى دەۋردىكى ئاياللار ھۆكۈمرانلىقىغا قارىتا تەتقىقات ئېلىپ بېرىش>(قىسقارتىلىپ <ماترىئارخاللىق توغرىسىدا>مۇ دېيىلىدۇ) ھەمدە <قەدىمكى خەتچەكلەر، بولۇپمۇ يىراق قەدىمكى زاماندىكى تۇغقانچىلىق مۇناسىۋىتى ئۇقۇمى توغرىسىدا>دېگەن ئەسەرلىرى ۋەكىللىك ئەسەرلىرى بولۇپ ھېسابلىنىدۇ. ئىنسانلاردا ئەڭ دەسلىپىدە قىلچىمۇ توسالغۇ بولمىغان جىنسىي مۇناسىۋەت مەۋجۇت ئىدى(بۇ قىسقارتىلىپ<ئارىلاش نىكاھ>دېيىلىدۇ). شۇڭلاشقا، قەدىمكى زاماندا ھەممە مىللەتنىڭ نەسەبى ئانا تەرەپتىن ھېسابلىناتتى. يەنى ماترىئارخاللىق تۈزۈمى يولغا قويولغانىدى. تامامەن <ئاياللار ھۆكۈمرانلىق> دەرىجىسىگە يەتكەن دەپ پاترىئارخاللىق تۈزۈمىدىن بۇرۇن ئىدى ھەمدە يىراق قەدىمىي جەمئىيەتتە ئوموميۈزلۈك بولغانىدى دېگەننى شەرھلەشتە ئىدى. شۇ ئارقىلىق نىكاھ ۋە ئائىلە شەكلىنىڭ ئانا جەمەت، ماترىئارخاللىقتىن ئاتا جەمەت، پاترىئارخاللىققا ئۆزگەرگەنلىكىنى تۇنجى قېتىم كۆرسىتىپ بەرگەن. ئېنگلېس <ماترىئارخاللىق توغرىسىدا> نەشىر قىلىنغان 1861-يىلىنى ئائىلە تارىخى تەتقىقاتىنىڭ باشلىنىشى دەپ بېكىتكەن ھەمدە ئۇنىڭ تەتقىقات نەتىجىلىرىگە مۇئەييەنلەشتۈرۈپ باھا بەرگەنىدى.